غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يىغىن مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى زالىدا ئېچىلدى

0:00 / 0:00
Seyit-Tumturk-soz-qilmaqta1.jpg
سىيىت تومتۈرك ئەپەندى يىغىندا سۆزدە. RFA

بىز ئالدىنقى پروگرامىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچماقچى بولغان "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى" ناملىق يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. يىغىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىمۇ مەلۇم بولغان ئىدى.

يىغىن گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا سابىق مىللەت ۋەكىللىرى، تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم توسالغۇلارغا قارىماستىن يەنىلا ئېچىلىشقا داۋام قىلغان يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.