تۈركىيىنىڭ ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى چۈشەندۈرۈلدى

تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قان قېرىنداشلىرى دەپ بىلگەچكە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-01-13
Share

تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى دەپ بىلىدۇ چۈنكى بەزى تۈرك تارىخ كىتابلىرىدا تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار يېزىلغان.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ۋە ماقالىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا پروگرامما تارقىتىلىدۇ.

2009 ‏- يىلى 10 ‏- يانۋار شەنبە كۈنى كەچ سائەت 20:00 دە تۈركىيىنىڭ ھىلال تېلېۋىزىيىسى " مەدەنىيەت ۋە ھايات " پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

پروگراممىغا ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ خادىملىرىدىن زەھىدە ئۆلكۈ خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئەپەندى، IHH ئىنسانىي ياردەملىشىش فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەخمەت ئىمىندار ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

بۇ پروگرامما سۇنئىي ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا دوكتور ئالىمجان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ، پىكىر -كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دوكتور ئالىمجان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر دۇنياغا ئاڭلىتىلماي كېلىۋاتقاچقا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەسىلىلىرىنى بىلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە ئېغىر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ پروگراممىغا قاتناشقان دوكتور ئالىمجان ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت