تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى تەنتەنىلىك ئەتكۈزمەكتە
2007.10.12
بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، " 12 ئاينىڭ سۇلتانى" دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بۇيىچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش، ئىمامنىڭ دىلنى يورۇتقۇچى خۇتبىسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن تەسەللى تېپىش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق -تۇغقان ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللاھتىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئوز ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.
بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر. بۈگۈن تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتنى ئەتكۈزمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇبارەك روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا، ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى
- رامىزاندىكى فىتىر سەدىقىسى
- مۇسۇلمانلار مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالدى
- مۇبارەك رامىزان ئېيى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ خاسىيىتى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئوپچە ھېيىتلاشتى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى
- روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنى زىيارەت
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتنى خوشال-خورام ئۆتكۈزمەكتە
- ئالما-ئاتىدا "قەدىر كېچىسى " پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇرلار قەيسىرىدە 800 كىشىلىك ئىپتار زىياپىتى بەردى
- خىتاي دائىرىلىرى رامىزان ئېيىدا دىنىي باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟