بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، " 12 ئاينىڭ سۇلتانى" دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بۇيىچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش، ئىمامنىڭ دىلنى يورۇتقۇچى خۇتبىسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن تەسەللى تېپىش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق -تۇغقان ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللاھتىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئوز ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.
بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر. بۈگۈن تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتنى ئەتكۈزمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇبارەك روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا، ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.