تۈركىيىدە قۇربان ھېيت

0:00 / 0:00

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئايەم كۈنى بولغان قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. ئايەم ئەھلى قۇربانلىرىنى سويۇشۇپ، ئۇرۇق- تۇغقان، خۇلۇم -خوشنىلىرىنى زىيارەت قىلىشماقتا. ئاداۋىتى بارلار ھېيت خاسىيىتى بىلەن ئاداۋەتلىرىنى ئۇنتۇشۇپ دوستلۇق قوللىرىنى بىر بىرىگە ئۇزاتماقتا.

ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاق يەردە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيىتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمەكتە.

بىز تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن ئىستانبۇل، قەيسىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇلار ھېيت جەريانىدا تەشكىلات مەركەزلىرىگە توپلىشىپ ئوپچە ھالدا ھەر خىل پائالىيەت ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىقىنى، دۇئاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشىنى ئاللادىن تىلىگەنلىكىنى ئېيتىشتى. (ئەركىن تارىم)