ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە خاتىرلىدى
2007.12.11

2007- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىغا 59 يىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋام قىلماقتا. 10- دېكابىر كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان ساكاريا مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئېچىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا ئويۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە مەيداننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يۈزلەرچە رەسىم ئېسىلغاندىن باشقا ، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى چىقىرىۋاتقان گېزىت، ژۇرنال ۋە كىتابلارمۇ تىزىلغان.

بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن لوزۇنكىلار ئېسىلغان بولۇپ، بۇ لوزۇنكىلاردا خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قاماش ئاخىرلاشسۇن!، پىلانلىق تۇغۇت توختىتىلسۇن!، ئىنسان ھەقلىرى نەدە؟ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان.
مۇستافا ئىسىملىك بىر زىيارەتچى بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بەكلا ئىچى ئاغرىغانلىقىنى، گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئۇزاق بولسىمۇ قەلبىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سوقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر دائىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز گەرچە جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۇزاقتا بولسىمۇ، بىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىمىز ئۇلارغا باغلانغان. مەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى بۇ رەسىملەردىن كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسى قوبۇل قىلىنغىلى 59 يىل بولدى، ئەمما خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پەقەتلا يوق ئىكەن، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىچە ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. بىزمۇ ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. " (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش
- گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى مىيونخېن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (1)
- 16 - قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى
- بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (1)
- " خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىر ھوقۇقدارلار گۇرۇھىدۇر"
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى