تۈركىيىدە ' مەھمۇد قەشقىرى كىتابى' ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مارىپ كومىتىتى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 - يىلىنى `مەخمۇت قەشقىرىنى خاتىرلەش يىلى` ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشىقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.02.12
Mexmut-qeshqiri-kitap-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ `ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ پائالىيەتلەردىن باشقا مەخمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ مەخسۇس سوغات ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى مەدىنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان `قاشقارلى ماھمۇد كىتابى` يانى `مەخمۇت قەشقىرى كىتابى` ناملىق ئەسەردۇر.

بۇ كىتاب ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدىمۇ كۆرسىتىلدى. بۇ كىتاب تۈركىيەدە تونۇلغان تۈركولوگ ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىمنىڭ تەھرىرلىكىدە نەشىرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئەسەرگە مەخمۇت قەشقىرى، تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە شۇ زامان ھەققىدىكى قىممەتلىك ماقالىلار كىرگۈزۈلگەن.

34 تۈركولوگنىڭ ماقالىسىدىن تەركىپ تاپقان 496 بەتلىك چوڭ ھەجىمدىكى بۇ ئەسەر تۈرك مەدىيەت تارىخىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كۆپ ساندا رەڭلىك رەسىملەر بىلەنمۇ بېزەلگەن.

`قاشقارلى ماخمۇد كىتابى` ناملىق مەخمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ يېزىلغان بۇ ئەسەرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى مەدىنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي بېغىشلىمە يېزىپ بەرگەن بولۇپ، بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: "تىلىمىزنىڭ مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان، `تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسەرنى يازغان مەخمۇت قەشقىرى تۇنجى تۈرك تىلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنۇتۇلماس ئابىدە بىر شەخىستۇر. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى تىلنىلا ئەمەس، ئېتمولوگىيە، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە فولكلورغا ئوخشاش ساھالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي مەنبە ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى قوغدىماقتا. تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن UNESCO مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغان 2008 - يىلىدا مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈرك مەدىنىيىتىگە قوشقان توھپىسىگە تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق."

ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمىدا ئەسەرنى تەييارلىغان باش تەھرىر ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تىل ۋە تارىخ خھوغراپىيە فاكۇلتىتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدبىياتلارى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروف، در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىمنىڭ بۇ ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىسىغا يەر بېرىلگەن. ئۇ ماقالىسىدا كىتابدىكى 33 ئىلمىي ماقالىنى تۈرلەرگە ئايرىپ تونۇشتۇرغان.

بۇ كىتابدا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىدە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ `21 - ئەسىردە تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقى رايونى` ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن ئىستانبۇل بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى در. مەغپىرەت كامالنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدا مەتافور ۋە مەتونومى` ماۋزۇلۇق ماقالىسىغىمۇ يەر بېرىلگەن.

ئەسەردە يەنە تۈرك دۇنياسىدا تونۇلغان تۈركولوگلاردىن پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، چاغاتايچە كۆپ ئەسەرلەر يازغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مۇستافا جانپولات، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. كەمال ئەرارسلان قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىمۇ يەر ئالغان.

در. مەغفىرەت كامال خانىم ماقالىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.