ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
2007.12.10

2007 - يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان "شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى" نىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشقا، "شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى"، "تۈركىيە ئاي - يۇلتۇز بىرلىكى جەمئىيىتى"، " قىرىم تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى"، " ئەزەربەيجان قاراباغ جەمئىيىتى"، "ئىراق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى"، " تۈركىيە ئاياسۇفىيا جەمئىيىتى"، "قىبرىس تۈركلىرى جەمئىيىتى" قاتارلىق جەمئىيەت، تەشكىلاتلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر، تۈركمەن، ئازارى، قىرىم ۋە تۈركىيىلىكلەردىن تەركىپ تاپقان 300 دىن ئارتۇق ئامما، ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تاكسىم مەيدانىدا بۇ نارازىلىق نامايىشىنى ئېلىپ باردى.
نامايىش مەيدانىغا تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى - تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ سۆز قىلدى. "تۈركىيە ئاي - يۇلتۇز بىرلىكى" جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر نامايىش ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقان تۈركلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا " ئىراقتا، قىبرىستا، قاراباغدا، غەربىي تىراكىيىدە، شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەر زۇلۇم ئاستىدا" دېگەن شوئارلار بېسىلغان پىلاكاتلارنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان رەسىملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ گالاتاساراي مەيدانىدىن تاكسىم مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلىپ، " ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يوقالسۇن"، "خىتايلار تۈركىستاندىن چىقىپ كەت"، "شەرقتىن غەربكىچە ئاتاتۈرك بىز" دېگەنگە ئوخشاش نارازىلىق شۇئارلىرىنى توۋلاشتى.
"شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى " نىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرەتنى بىلدۈرۈش ۋە تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۈركىيە خەلقىگە شۇنداقلا دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "قىممەتلىك ئاخباراتچىلار، ھۆرمەتلىك جەمئىيەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاخباراتچىلار ياخشى بىلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم - ئىسكەنجىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ناھەق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈلمەي كەلمەكتە،" دېدى.
نامايىش ئاخىرلاشقاندا، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن خالمۇرات ئەپەندى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ نامايىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسىلان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- د ئۇ ق، تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بىلدۈردى
- خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش
- ئەزەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار
- ئەنقەرەدە تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى
- تۇرپاندىكى نامايىش يەنە داۋاملاشماقتا
- سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي بىلەن سۆھبەت
- ئەزەربەيجاندىكى "تۈركىستان" گېزىتى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنى ھېچكىم توسالمايدۇ
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۆپەيمەكتە