ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈردى

تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم بىلەن دىپلوملىرىنى ئالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.07.04
uyghur-tili-kespini-putturgen-oqughuchilar-305.jpg ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار.
RFA/Erkin Tarim

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تونۇغان ئىدى.

شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. بۇ بۆلۈمدە 4 كافېدرا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر-ئۆزبەك تىلى كافېدراسى. 1991-يىلىدىن بېرى بۇ كافېدراغا ھەر يىلى 16 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا.

بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆگەنگەندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى، سالارچە ۋە سېرىق ئۇيغۇرچە قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئوقۇماقتا.

ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ 5-قارار ئوقۇغۇچىلىرى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇراسىم بىلەن دىپلوملىرىنى ئالدى. مۇراسىمدا بىز بۇ بۆلۈمنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئەزەل ئاسەنا تۈركان خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.