مىنىستىر ئۆمەر دىنچەر: 'تۈركىيىدە كۈنىگە 2 دوللارغا ئىشلەۋاتقان 20 مىڭ خىتاي ئىشچى بار'

تۈركىيىدە "خىتاينى چۈشىنىش" ناملىق پائالىيەت داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلمەكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى خىتاي ھەققىدە بايانات ئېلان قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.21
ministir-omer-dincher-xitay-turkiye-munasiwiti-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﻳﻰ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺩﯨﻨﭽﻪﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاقشام سائەت 10 دا تۈركىيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان ت ر ت تۈركتە "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تارقىتىلدى. بۇ فىلىمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە كېلەچەكى بايان قىلىنغان.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تونۇلغان مۇتەخەسىسلەردىن در. ئەركىن ئەكرەم، پروف. در. ئەھەد ئاندىجان، پروف. در. تىمۇر قوجائوغلۇ ۋە در. ئابدۇلخامىت ئاۋشار ئەپەندىلەرنىڭمۇ كۆز قاراشلىرىغا يەر بېرىلگەن.

ت ر ت تېلېۋىزىيىسى ئامېرىكىغا مەخسۇس كىشى ئەۋەتىپ رابىيە قادىر خانىم بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ھۆججەتلىك فىلىمگە كىرگۈزگەن. خىتاي دۆلىتى تۈرك جامائەتچىلىكىگە خىتاينى تونۇشتۇرىۋاتقان كۈنلەردە بۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
 
بۈگۈن 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تۈركىيە ئىشچى ۋە ئىجتىمايى پاراۋانلىق مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى "ۋەتەن" گېزىتىگە بايانات بېرىپ، تۈركىيىدە كۈنىگە 2 دوللارغا ئىشلەيدىغان 20 مىڭ خىتاي ئىشچى بارلىقىنى ئېيتقان.

مىنىستىر ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: "خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەر نېمىشقا خىتاي ئىشچىلارغا تۈركىيىدە قانۇنىي ئىشلەش رۇخسىتى بەرمەيسىلەر دەپ خاپا بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئىشچىلار تۈرك ئىشچىلاردىن بەكلا ياخشى ئىشلەمدۇ؟ تۈركىيىدە ھازىر قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان 20 مىڭ خىتاي ئىشچى بار، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ دەپ پەريات قىلدى. تۈركىيىدە قۇرۇلۇشتا، توقۇمىچىلىق ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان قانۇنسىز خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا 65 دوللاردىن 100 دوللارغىقە مائاش ئالىدۇ."

تۈركىيە ئىشچى ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى ۋەتەن گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىشچىلىرىغا خىزمەت رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، بۇ شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئۆزىدىن، نېمىشقا خىتاي ئىشچىلىرىغا ئىشلەش رۇخسىتى بەرمەيسىلەر دەپ سوراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "دۆلىتىمىزدە ئىشسىزلىق كۆپىيىۋاتقان كۈنىمىزدە،خىتاي ئىشچىلار قىلىۋاتقان ئىشنى تۈرك ئىشچىلارمۇ قىلالايدىغان تۇرۇغلۇق، خىتاي ئىشچىلارغا تۈركىيىدە ئىشلەش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىش دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا ھەقسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ."

مىنىستىر ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى باياناتىدا چەتئەللىكلەرگە تۈركىيىدە ئىشلەش رۇخسىتى بېرىشنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ دېگەنلىك ھەممە كىشىلەرگە رۇخسەت بېرىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

تۈركىيىدە "خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يەر بېرىلىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟ خىتاي ئىشچىلارنىڭ تۈركىيىدە بارغانسېرى كۆپىيىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تىمۇر قوجائوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.