
24- دېكابىر كۈنى تۈركمەن باشىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق تۈركمەنىستاننى باشقۇرۇۋاتقان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپ سەيشەنبە كۈنى تۈركمەنىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى تۈركمەنىستاننىڭ تەقدىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پەۋقۇلئاددە يىغىنى ئاچىدىغانلىق، بۇنىڭدا پرېزىدېنت سايلىمى ۋاقتىنى ھەمدە نامزاتلارنى تاللاش ئىشلىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركمەنىستان ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن سايلام ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك بولۇپ، بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە تۈركمەن خەلقى كىمنىڭ مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئورنىنى بېسىپ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بولۇش مەسىلىسىنى كەڭ مۇنازىرە قىلىشى مۇمكىن.
تۈركمەنىستانغا كىم پرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن؟
سەپەر مۇرات نىيازوپ تۈركمەنىستاننى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن باشقۇرغان بولغاچقا ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاشكارا ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى مەيدانغا چىقالمىغان. شۇڭا بۇ يەردە ھازىرچە بىرەر ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھ ئۆزىنىڭ نامزىتىنى كۆرسىتىشى قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان. لېكىن، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر مۇئاۋىن باش مىنىستىر قۇربانگۇل بەردىمۇخەممەدوپنىڭ سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئىزىنى بېسىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. گەرچە سەپەر مۇرات نىيازوپ تەرەپدارلىرى سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئوغلى مۇرات نىيازوپنى دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ، جۇمھۇرىيەتكە پرېزىدېنت بولۇشىنى خالىسىمۇ، لېكىن ئۇ نامزاتلىق شەرتىگە چۈشمەيدىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيىنىڭ كىيېۋ شەھىرىگە جايلاشقان تۈركمەن ئۆكتىچىلىرىنىڭ " تۈركمەنىستان دېموكراتىك كۈچلىرى بىرلىكى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۆكتىچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى ۋاقتى كەلگەندە ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۈركمەنىستان دېموكراتىك كۈچلىرى بىرلىكى باياناتنامە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمىيەتتىن تۈركمەنىستاندىكى دېموكراتىك جەرياننى ھەمدە دېموكراتىك كۈچلەرنى قوللاشقا چاقىرغان. چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئىچىدىكى ئورنى بىر مەسىلە بولۇپ، خەلق ئىچىدە سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ تۈركمەن تارىخىنى تىكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتچىلىك ، دۆلەتچىلىك سىياسىتىنى ياقىلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلار بەلكى كونا يولنى قوللىشى مۇمكىن.
تۈركمەنىستاندىكى ۋەزىيەت قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
تۈركمەنىستان جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ئۇ كاسپىي دېڭىزى ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق رۇسىيە ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئىران، ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسى ئەڭ كوپ دۆلەتنىڭ بىرى. تۈركمەنىستاننىڭ ئەتراپتىكى رۇسىيە، ئىران ، ئۇكرائىنىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن گاز سودىسى بار. سەپەر مۇرات نىيازوپ گاز سودىسىنى قاتتىق مونوپول قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تاشقى ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسى يۈرگۈزگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ھاكىمىيەتكە قانداق بىر كۈچنىڭ چىقىشىغا جۈملىدىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسىگە رۇسىيە، ئىران، ئامېرىكا ، تۈركىيە ھەتتا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر دىققەت قىلماقتا.
نىيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى رافىز ئابازوپنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ ۋەزىيىتى خۇددى ستالىن ئۆلگەندىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركمەنىستان ئۈچ يولدىن يەنى ھەربىي دىكتاتور، دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە ياكى كونا يولدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يولدا مېڭىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ھېچكىممۇ سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن خۇددى ستالىن كەبى تەنقىدلىنىپ، ئۇنىڭ ھەيكەللىرى چېقىلىشى ۋە ياكى ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ داۋاملاشتۇرالاشتۇرۇلۇشىنى بىلمەيدۇ.
ھازىرچە دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ قايسى يولدا مېڭىشىنى قوللايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى قاتتىق كونترول قىلماقتا. قىرغىزىستان ۋە ئۇكرائىنىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوللىغانلىقى ئۈچۈن غەلىبىگە ئېرىشەلىگەن ئىدى، ئەگەر بىخەتەرلىك كۈچلىرى سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ كونا يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا، ئۆكتىچىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان ئۆكتىچى "ۋەتەن" تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى خۇدابەردى ئورازوپ بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق رەھبەر قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ماقالە ئېلان قىلغان جېففىرىڭ ياڭنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى "ئەركىنلىك ئو خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى "ئەركىنلىك ئۆيى"نىڭ ۋەكىلى ئالېكساندىر گۇپمان تۈركمەنىستان سىياسىتىدە مەۋھۇملۇق مەۋجۇت بولۇپ، سەپەر مۇرات نىيازوپ ئەتراپىدا شەكىللەنگەن تۈزۈم چوقۇم پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
تۈركمەنىستاندا ھوقۇق تىنچلىق بىلەن ئالمىشامدۇ؟
ئالېكساندىر گۇپمان سەپەر مۇراتتىن نىيازوپتىن كېيىنكى تۈركمەنىستان ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىق بىلەن باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىنىڭ تەسلىكىنى ھۆكۈم قىلىدۇ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "تەھلىلچىلەر ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈرەش زوراۋانلىقلارسىز ئۆتمەسلىكىنى بىشارەت قىلىشماقتا. شۇنداق بولغان تەقدىردە بەزى گۇرۇھلار تەرتىپسىزلىكلەردىن پايدىنىپ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئولىشىدۇ" دەيدۇ. لېكىن، رۇسىيىنىڭ " موسكۋا كومسوموللىرى" گېزىتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلغان ئۆكتىچى "ۋەتەن" تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئورازوپ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىنچلىق بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا كۆزەتكۈچىسى جەفىرى ياڭ بولسا، تۈركمەنىستاندا بۇنىڭدىن كېيىن بەلكى "خىزبۇل تەھرىر" دېگەندەك ئسلامى تەشكىلاتلارنىڭمۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قوشنا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ، قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، تاجىكىستان رەھبىرى ئەما مەلى راخمانوپ ، قىرغىز رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېۋ قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركمەنىستاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان كەلگۈسى ۋەزىيەتنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دوكتور رافىز ئابازوپنىڭ قارىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ قايسى يولدا مېڭىشى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈرەش قانداق شەكىلدە بولۇشى يەنى قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى مەملىكەتتىكى ئاساسىي سىياسىي كۈچلەر ۋەزىيەتنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش تىنچ شەكىلدە بولامدۇ ؟ مانا بۇ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن باغلىق ئامىللاردۇر. ئومۇمەن دېموكراتىك ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى كەرىموپ، راخمانوپ، نازاربايېۋ ھۆكۈمەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
سەپەر مۇرات نىيازوپ ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئېنېرگىيە سودا كارىدورىنى قامال قىلىپ، سودىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى نارازى قىلغان، شۇڭا ئاشخابادنىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى مۇقىم بولمىغان ئىدى.
سەپەر مۇرات نىيازوپ بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن گاز سودىسى قىلىشقا پۈتۈشكەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈزگەن كېلىشىمنامىسىگە بىنائەن خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە رازىلىق بىلدۈرگەن. سەپەر مۇرات نىيازوپ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ كېيىن خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت ئىدى. (ئۈمىدۋار)