تۈركمەنىستان يېڭى پرېزىدېنقا ئىگە بولدى

0:00 / 0:00
turkmenistan.jpg
تۈركمەنىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ 14 – فېۋرال كۈنى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشئابادتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا. AFP

14- فېۋرال كۈنى ئاشخاباد شەھىرىدە داغدۇغىلىق قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈركمەنىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى قۇربان 'گۈل بەردىمۇھەممەدوپنىڭ تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېڭى پرېزىدېنت تۈركمەن باشىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرماقچى

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن قۇربان' گۈل بەردىمۇھەممەدوپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەم بەرگەن. ئارقىدىن تۈركمەنىستاننىڭ بەش ئوبلاستىنىڭ قەبىلە ئاق ساقاللىرى بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، قۇربان' گۈل بەردىمۇھەممەدوپقا پرېزىدېنتلىق بەلگىسى بولغان ئالتۇن زەنجىرنى تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئاسقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركمەنلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، قۇربان' گۈل بەردى مۇھەممەدوپقا قۇرئان ۋە سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ يازغان " روھنامە" ناملىق كىتاب شۇنىڭدەك قىلىچ ھەم نان تەقدىم قىلىنغان.

پرېزىدېنت قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپ قەسەم بېرىش نۇتقى سۆزلەپ، ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ يەنى تۈركمەن باشى باشلىغان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"مەن بىرىنچى پرېزىدېنت يەنى ئۇلۇغ سەردارىمىزغا ئوخشاش خەلققە پايدىلىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىمەن، ئاھالىلارنى گاز، ئېلېكتىر، سۇ، تۇز بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيمەن. نان، بېنزىن ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ باھاسى ئەرزان بولىدۇ. " دەيدۇ يېڭى پرېزىدېنت.

ئۇ سۆزىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، مائارىپ مەسىلىسىدە توختىلىپ، ھەر قايسى جايلاردا ئالىي مەكتەپلەرنى كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، چەتئەللەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك يەنە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنى ياخشىلاپ، تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقى، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقى، ئاھالىلارنىڭ قول تېلېفون ۋە ئىنتېرنەتتىن پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپ تۈركمەنىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، سەپەر مۇرات نىيازوپ تىكلىگەن تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۆزارا پايدىلىق ھەم باراۋەرلىك ئاساسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پرېزىدېنت قۇربان' گۈل بەردىمۇھەممەدوپ تۈركمەنىستاندا باشقا پارتىيىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ھەم ئىنتېرنەت ئالاقىلىرىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا جەمىيەت ئۇنىڭ تۈركمەنىستاندا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىمقى سايلام بىر قىسىم خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ھەم تۇركمەنىستان ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە خىلاپ قىلمىشلار بىلەن تەنقىد قىلىنغان.

قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا كوپ دۆلەت قاتناشتى

قۇربان' گۈل بەردى مۇھەممەدوپنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تۈركمەنىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات، قازاقىستان پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋىلى، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمانوپ قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل فرادكوپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان قاتارلىقلار قاتناشقان.

مۇراسىمغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد باۋچەر ئىشتىراك قىلغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۇپىتىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەت باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ قېتىمقى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان.

رۇسىيىنىڭ 'خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تۈركمەنىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقدارى بولۇپ، پرېزىدېنتلىق مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئوخشاشلا ۋاقىتتا يەنە پرېزىدېنت دۆلەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي قوماندانى ۋە مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ كىم؟

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربان' گۈل بەردىمۇھەممەدوپ 1957-يىلى تۇغۇلغان. 1979-يىلى تۈركمەنىستان تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز كېسەللىكلەر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كېيىن موسكۋادا تىببىي ئىلىم بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. كۆپ يىللار تىببىي ساھەدە رەھبەرلىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1997-يىلى سەھىيە مىنىستىرى بولغان، 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن تۇركمەنىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەم سەھىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان بولۇپ، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21- كۈنى پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۇركمەنىستان بىخەتەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ھەم ئالىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ دۆلەتنى 21 يىل باشقۇرغان بولۇپ، ئۇ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دىكتاتورلۇقتا ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭلارغا ئوخشىتىلغان. (ئۈمىدۋار)