ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەت رىقابەتلىشىدىغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن رۇسىيە

0:00 / 0:00
turkmenistan.jpg
تۈركمەنىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ 14 – فېۋرال كۈنى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشئابادتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا. AFP

خەلقئارا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلچىسى، ستېفان لاررابىينىڭ تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ ئويۇن ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، تۈركمەنىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "تۈركمەنىستان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز زاپىسىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركمەنىستاننىڭ تاشقى سودا مۇناسىۋىتىدە يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق ئۆزگىرىش، دۇنيا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىدۇ".

رۇسىيە تۈركمەنىستاننىڭ ئېنېرگىيىسىگە موھتاج

تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. رۇسىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېنېرگىيە شىركىتى گاسپۇروم رۇسىيىنى ھەمدە چەتئەل خېرىدارلىرىنى تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۈنسېرى تۈركمەنىستاندىن كېلىدىغان تەبئىي گازغا موھتاج بولماقتا. تەبئىي گازغا بولغان ئېھتىياج كۆپەيگەنسىرى رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان تەبئىي گازىغا تېخىمۇ كۆپ موھتاج بولىدىغانلىقى ئېنىق.

نۆۋەتتە، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى دۇنيا بازارلىرىغا ئىكسپورت قىلىدىغان پۈتۈن تەبئىي گاز تۇرۇبىلىرى رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا. بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان رۇسىيە، تۈركمەنىستان تەبئىي گازىنى رۇسىيىدىن چىقىدىغان گازدىن ئەرزان باھا بىلەن سېتىۋالماقتا. بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولغان غەرب دۆلەتلىرى، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، باشقا ئېكسپورت يوللىرى ئىزدەشىنى خالايدۇ.

ئۆتكەن يىلى 21‏- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان تۈركمەنىستاننىڭ پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە سىرتىدا يېڭى تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش توغرىسىدىكى پىلانلارنى رەت قىلغان. لېكىن بەردىمۇھەممەدوفنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى، كېلىچەكدە بۇ پىلانلارنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلماقتا.

ستېفان لارراببىينىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ ئۆزىمۇ، ئاستا-ئاستا تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى ئېكسپورت قىلىشتا، رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاشقا باشلىغان ئىكەن. نىيازوف، ئۆلۈمىدىن بىر نەچچە ۋاقىت بۇرۇن رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستاندىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبئىي گاز ئۈچۈن تۆلەۋاتقان پۇلنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن.

ئۇ شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە خىتايغىمۇ يۈزلەنگەن بولۇپ، 2006‏- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايغا 30 يىلدا 30 مىليارد كۆپمېتىر تەبئىي گاز ئىكسپورت قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇنىڭدىن سىرت تۈركمەنىستان خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاندىن قازاقىستان ۋە ئۈزبېكىستان ئارقىلىق خىتايغا سوزۇلىدىغان بىر تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش توغرىسىدا كېلىشكەن.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىقىشى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت رىقابەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەبئىي گاز بازىرىغا قەدەم قويۇشى، ‏- دەيدۇ، ستېفان لارراببىي مۇلاھىزىسىدە، ‏- ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت رىقابەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر رىقابەتتە رۇسىيىنىڭ پوزىتىسىيىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىللار خىلى كۆپ. بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسىيە ۋە سوۋىت ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا‏-ئىقتىساد بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە قىلىپلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىيالىيلار تەبىقىسى، ئۇزۇن يىللار رۇسىيە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن رۇسلارنىڭ تەسىرىدە قالغان.

گەرچە سوۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رادىكال سلام ھەرىكىتى ھەققىدىكى قايغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىغانلىقى، پۇتىننىڭ بۇ ئىستراتېگىيسىنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما، ‏- دەيدۇ خەلقئارا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلچىسى مۇلاھىزىسىدە، ‏- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن خىتايغا يېقىنلىقى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەمدە ئىقتسادىي جازىبىسى، رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى كۆپەيتمەكتە. خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان

ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى، خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك بىر رايونغا ئايلاندۇرماقتا. خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن ئىمزالىغان تەبئىي گاز كېلىشىمىدىن باشقا يەنە، بارغانسىرى رايوننىڭ نىئېفىتىغا كۆز تىكمەكتە.

خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىقتۇرۇۋاتقان مۇھىم بىر ئامىل

خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىقتۇرۇۋاتقان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەر بىلەن تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىغا ياردەم قىلىشىدىن قاتتىق قايغۇرماقتا. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى، خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. لېكىن، ‏- دەيدۇ ستېفان لارراببىي مۇلاھىزىسىدە، ‏- بۇ، مەنپەئەتنى كۈزدە تۇتقان قىسقا مۇدەتلىك مۇھەببەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان بىر ئىتتىپاقلىق ھېسابلانمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي، ئىقتسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئىككى دۆلەت رۇسىيە ۋە خىتايدۇر. (قانات)