رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان تەبئىي گازى ئۈستىدىكى كونتروللۇقى داۋاملىشىدۇ

تۈركمەنىستاننىڭ دىكتاتورى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن كېيىن، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن،دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رىقابەتتە، رۇسىيە غەلىبە قىلغاندەك تۇرىدۇ.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف سەيشەنبە كۈنى تەبئىي گاز مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى قوبۇل قىلغان.

تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا " بىز ھەر ساھەدە تۈركمەنىستان تەبئىي گازىنى ئىسكپورت قىلىش مەسىلىسىدە ھەممىدىن بۇرۇن رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىنى خالايمىز"دېگەن.

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەبئىي گازىنى ھازىرغىچە پەقەت رۇسىيە ئارقىلىق دۇنيا بازرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان تۈركمەنىستاننى، تەبئىي گازىنى ئىكسپورت قىلىش ئۈچۈن باشقا يوللار تېپىشقا قايىل قىلىشقا تىرشماقتا. شۇنداقلا خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

لېكىن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف، موسكۋادا رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت كېلىشىمنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان تەبئىي گازى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلغان. (ئۆمەر قانات)