تۈركمەنىستاندا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى


2008.02.22

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يەنى يۇنەسكو تەرىپىدىن 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى تۇنجى پائالىيەت تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا چاقىرىلدى. تۈركمەنىستان مىللى مىراس ئىدارىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكى ئورتاقلىشىپ 2 - ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى `تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 150 تۈركولوگ قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر تۈركولوگلار كېلەلمىگەن. بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركمەنىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركولوگ پروف. در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى: "يۇنەسكو 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىل تۈركمەنىستاندا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىسمى `تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى`. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركمەنىستان مىللى مەدەنىيەت مىراس مەركىزى بىلەن تۈركمەنىستان مائارىپ مىنىستىرلىكى ئورتاقلىشىپ چاقىردى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 150 ئىلىم ئادىمى قاتناشماقتا. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئىككى كۈن داۋام قىلماقچى."

پروف. در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىلىم ئادەملىرى ۋە يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى: "خىتاي، تۈركىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بىلىم ئادەملىرى بۈگۈن سۆز قىلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 5 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرى بولۇپ بۇنىڭدا 30 ئىلىم ئادىمى سۆز قىلماقچى.، ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتى تېمىسى بولۇپ بۇنىڭدا 32 بىلىم ئادىمى سۆز قىلماقچى، ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە بۈگۈنكى تۈركىي تىللىرى تېمىسى بولۇپ بۇنىڭدا 28 بىلىم ئادىمى سۆز قىلماقچى. تۆتىنچى گۇرۇپپا بولسا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەدەبىي قىممىتى، بەشىنچى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمى تېمىلىرىدا بولۇپ بۇلاردا 35تىن بىلىم ئادىمى سۆزلىمەكچى. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تەييارلانغان ھەر خىل ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكچى."

پروف. در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېيجىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركولوگلار كەلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر تۈركولوگ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى: "يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتايدىن كەلگەن خۇ جېنخۇئا `مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى خىتايدا` تېمىسىدا سۆز قىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خاي فەن ئىسىملىك بىر كىشى `ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ خىتاي تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى` تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئەمما ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كېلەلمىگەن."

پروف. در بەردى سارىيېۋ ئەپەندى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا چاقىرىلغان `تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى` ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركمەن مىنىستىرلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "باشلىقلىرىمىز ۋە مىنىستىرلىرىمىز قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىللى مىراس ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروف. در. ئانناقۇلى ھاشىروۋ سۆز قىلدى. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم تۈركمەنىستاندا بۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغانلىقنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ 2008 - يىلى ئىچىدە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىلىم ئادەملىرى سۆز قىلدى. ئۇلارمۇ سۆزىدە مەھمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئورنى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ تۈركولوگىيىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى."

پروف. در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى مۇستەقىل تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە بۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى: "مەھمۇت قەشقىرى تۈركمەنىستاندا تۇركولوگىيىگە ئاساس سالغۇچى دەپ بىلىنەتتى. 1958 - يىلىدىن بېرى مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا. ھازىرغىچە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلار نەشىر قىلىندى. بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ھازىر مۇستەقىل تۈركمەنىستاندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 150 بىلىم ئادىمى بىلەن جەم بولۇپ مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. تۈركمەنلەر ئوغۇز قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر، تۈركىي تىللار دىۋانى بىزنىڭمۇ مىللى مىراسىمىزدۇر. تۈركمەن تىلىنى ئەدەبىياتىنى، فولكلورىنى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۈركمەنىستاندا چاقىرىلىشى تۈركمەن تۈركولوگلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە."

ھۆرمەتلىك پروف. در. بەردى سارىيېۋ ئەپەندى سىز ھازىر ئاشخاباتتا يىغىن مەيدانىدا تۇرۇپ بىز بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپسىز ئاخىرىدا قوشۇپ قويماقچى بولغان گېپىڭىز بارمۇ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "2008 - يىلىدا بۇ خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلىدۇ. ھازىر تېخى 2 - ئاي، تۈركمەنچە بۇ ئاينىڭ ئىسمى بايراق ئېيىدۇر. بايراق ئېيىدا بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىز تۈركمەن تۈركولوگلارنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلدى. 2008 - يىلى ئىچىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا تۈركمەنىستاندىن سالام يوللايمەن. ھەممىمىزنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇبارەك بولسۇن." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.