تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ دادىسىنىڭ پەريادلىرى

19 - سېنتەبىر كۈنى، 5 ‏- ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بېرىمىز.

0:00 / 0:00

ئىگەللىشىمىزچە، خىتاي ساقچىلىرى جەسەتنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مەجبۇرى ھالدا يەرلىكىدە قويدۇرغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسى ۋە مەھەللە جامائىتى، ئاۋال شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغان.

مەھەللە جامائىتى جەسەت قويۇلغان ئۆيگە قۇلۇپ سېلىۋالغان. ساقچىلار قۇلۇپنى چىقىپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ جەسەتنى ئېلىپ چىققان. شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئىككى سىڭلىسى جەسەت قويۇلغان ئويىنىڭ ئىشىكىنى توسۇۋالغاندا، ساقچىلارنىڭ قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىش ۋە سىلكىشلىرىگە دۇچار بولغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ دادىسى، ھازىدار تۇرسۇن ئىشاننىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.