0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر ھەم بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەردە يىللىق كىرىمى 30مىڭ يۇئەندىن ئاشىدىغان ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى ئاھالىلەر 21٪تىن ئېشىپ ، خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يېتىشكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
ئەمما رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ، ئەمەلىيەت رىئاللىقتىن بەكمۇ يىراق بولۇپ ، يەنىلا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشىماقتا ئىكەن.