تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
2007.04.27
تۇرپاندىكى يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى يىللاردىن بۇيان ئەتراپتىكى تېرىلغۇ يەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
23 - ئاپرىل كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2006 - يىلى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يىپەك يولىدىكى نۇقتىلىق قوغداشقا تېگىشلىك جايلار دەپ بېكىتىلگەن تۇرپاندىكى يارغۇل قەدىمىي شەھىرى بىلەن ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ئۈچۈن 60 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشقان. لېكىن رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى يەنىلا ناھايىتى بىچارە ھالەتتە ئىكەن.
بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئەيتقانلىرى
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرپاندىكى يارغۇل قەدىمىي شەھىرىگە بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا ياشاۋاتقان بىر دېھقان مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەقىقەتەن ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېخى بۇ يىلدىن باشلاپ تۇزەش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتىمۇ، تۇرپاندىكى بۇ ئىككى قەدىمىي شەھەرنىڭ يىللاردىن بۇيان بوران – چاپقۇن، شۇنداقلا ئەتراپتىكى تېرىلغۇ يەر ۋە سايەھەتچىلەرنىڭ كۈپىيىشىدىن زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرپان يارغول قەدىمى شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان بۇ كىشى بۇندىن ئىلگىرى مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ھەقىقەتەن خېلىلا كۆپ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بارلىقىنى، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەزكۇر قەدىمىي شەھەرگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ساياھەتچىلەر پونكىتلىرىنى سېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي يەرلىك مەتبۇئاتلىرىدا
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،ھەر يىلى يارغول قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى 400 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ھەمدە، بۇ 400 مىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 100 مىڭى شەخسىي ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئۇلار ساياھەت رايونىنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە بويسۇنماي، نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە، مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنى قوغداپ قىلىش خىزمىتىدە يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ " مەيلى يارغول قەدىمىي شەھىرى بولسۇن، ياكى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى بولسۇن، ھەر ئىككىسى خەتەرلىك شەھەرگە ئايلانغان.
بۇنى پەقەت ھەر يىلى يۈز بېرىۋاتقان بوران ئاپەتلىرىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىشى ۋە شۇنداقلا 50 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر قىسىم دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەرلىرىگە سۇ باشلىغان ئۆستەڭلەرنىمۇ سەۋەبچى دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تۈپەيلى، شەھەر سېپىلى تېگىدىن بوشاپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر ئەتراپى تېرىلغۇ يەر بىلەن قورشالغان ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ تاملىرىمۇ كۆپ يەردىن يېرىلىپ، ھەتتا ئۆرۈلۈپ كەتتى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
تۇرپاندىكى بىر خىتاي پۇقرانىڭ ئەيتقانلىرى
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرپان رايونىدىكى بىر خىتاي پۇقرا ئۆزىنىڭ مەزكۇر قەدىمىي شەھەرلەرگە كۆپ قېتىم بارغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ" ھەر يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ 10 - ئايغا قەدەر بۇ ئىككى قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر بەكلا كۆپ، پەقەت بۇ ئىككى جايلا ئەمەس، تۇرپاندىكى كارز، يانارتاغ ۋە باشقا جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ بەك تولا. ھۆكۈمەت پەقەت پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ، ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئاسراشقا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ" دەپ ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.
تۇرپان قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خەيسىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يارغول قەدىمىي شەھىرى بىلەن ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھازىرقى بۇ ھالىتى تېزدىن ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، 20 يىلغا قالماي، بۇ جايلار پۈتۈنلەي توپىغا ئايلىنىدىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت
- ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى (1)
- تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن بەس مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالدى
- "ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
- 30 - ئۆكتەبىر ۋەقەسىگە 25 يىل
- كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
- كارىزلار جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولماقتا
- ئالماتىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆرگەزمە ئېچىلدى