شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرىنىڭ سۇ ئىنشائات ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 182 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يەڭگىللەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قەدىمىي يەر ئاستى قانىلى - كارىزلارنى قوغداش ۋە يېڭىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر پىلانى تۇرپاندىكى كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە چەتئەللەردىكى سۇ ئىنشائات ھەم مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى تۇرپان كارىزلىرىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قۇتقۇزۇۋالمىسا، كەلگۈسى 23 يىلدا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا نېفىتلىك ۋە سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ رولى بار
خەۋەرلەرگە قارىغاندا 182 مىليون دوللار مەبلەغنىڭ 100 مىليون دوللىرىنى دۇنيا بانكىسى قەرز بەرسە، قالغىنىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چىقىرىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2008 - يىلدىن 2010 - يىلغا قەدەر ئىككى يىلدا تاماملىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىر باياناتچىسى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " بۇ پىلان تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرىدە ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىۋاتقان كارىزلارنى قوغداپ قېلىشقا ياردەمچى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە سۇ ئىنشائات ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، شەرقىي شىنجاڭدىكى سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.
يەرلىك خادىملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىۋاتقان تۈپكى سەۋەب كارىز سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى بولۇپ، بۇنىڭدا رايوندىكى نېفىتلىك ۋە سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولى بار. بۇ سۆزلەرنى تۇرپان شەھىرىدىكى سۇ ئىشلار سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىم بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەندە ئەسكەرتتى.
تۇرپان كارىزى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقتۇر
ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ 182 مىليون دوللار مەبلەغنىڭ قانچىلىك قىسىمىنى كارىزنى قوغداش ئۈچۈن سەرپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا كارىزنىڭ سۇ مەنبەسىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىزنى قوغداش ياكى ۋاز كېچىش مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت بولۇپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ جىن، "كارىزنىڭ ۋاقتى ئۆتتى "دېگۈچى ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا "كارىزنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.
تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى غوپۇر نۇرىدىنغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ تېلېفونىمىزنى ئېلىشنى رەت قىلدى. ئۇزۇن يىللار كارىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان يەر - ناملار مۇتەخەسسىسى، "كارۋان يولىدىكى يەر ناملار" ھەققىدىكى ئەسەرنىڭ ئاپتورى نىياز كېرىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇرپان كارىزى ئۇلۇغ سۇ ئىنشائات كەشپىياتى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خىتايلارنىڭ سەددىچىن سېپىلى، مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىدىسى بىلەن بىر قاتاردىكى قوغداپ قېلىش زۆرۈر بولغان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقتۇر.
كارىزلار قۇتقۇزۇۋېلىشقا مۇھتاج
شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ھەر يىلى 20 سى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ سۈرئەت بىلەن ماڭسا 23 يىلغا بارماي تۇرپان ۋىلايىتىدە كارىز قالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كارىزنىڭ سانى 1700 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى 2004 - يىلدىكى دوكلاتىدا شۇ يىلى تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ 400 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نىياز كېرىم، كۈنىمىزدە كارىزنىڭ تۇرپان شەھىرى ۋە پىچان ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم جايلاردىلا قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى تۇرپان كارىزى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنى،" كارىزلار قوغداش ۋە قۇتقۇزۇۋېلىشقا جىددىي مۇھتاج بولۇۋاتىدۇ " دەپ تەسۋىرلىدى. لېكىن تەتقىقاتچى نىياز كېرىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كارىزنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى سۇ مەنبەسىنى قوغداش ۋە تۇرۇبىدا سۇ چىقىرىشنى توختىتىشتۇر.
تۇرپانلىقلار 2000 يىل ئىلگىرى كارىز قېزىشقا باشلىغان
تارىخچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كارىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن زادى قەيەردە ئىجات قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىرى ئوخشاش ئەمەس. لېكىن ئىلىم ساھەسى تۇرپانلىقلارنىڭ كارىز قېزىش تارىخىنى2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە قەدەر سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئافغانلار ھەم ئىرانلارنىڭ قەدىمدە كارىز سۈيى قوللانغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا بەزى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئىچىدە كارىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن گەنسۇ، شەنشى ۋە سەنشى ئۆلكىسىدىكى تۆپىلىكلەردە ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بولدى. يەنە بەزى خىتاي تارىخچىلىرى ئىچىدە كارىزنى 18- ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ "غەربىي دىياردىكى ياتلار زېمىنى"غا پالاندى ئەمەلدارى لىن زېشۈي، ئىلىغا پالىنىش سەپىرىدە تۇرپانغا كېلىپ قازدۇرغان، دېگۈچىلەر چىققان ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتىكى تارىخىي گۇمانلارنى تەتقىقاتچى نىياز كېرىمى رەت قىلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار كارىز سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تىزگىنلەپلا قالماي، سۇ تېجەش رولى ئوينايدىغانلىقىنى، يەر ئاستى سۈيىنى پىلانسىز قېزىپ، كارىزنى قۇرۇتىۋەتسە رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى روجېر خەنسېن ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىۋېرىشنىڭ ئېكولوگىيىگە مەلۇم تەسىرى يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە "بولۇپمۇ تۇرپانغا ئوخشاش ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئاجىز جايلاردا يەر ئاستى سۈيىنى قالايمىقان ئېچىش توغرا ئەمەس"دەيدۇ. (ئەركىن)