تۇرپان تەۋەسىدىكى خەلق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى


2005.08.10

ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن، 7 - كۈنىگىچە تۇرپان تەۋەسىدە 26 سائەت ئەتراپىدا توختىماستىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جەمئىي 7 يېزا، 2 بازار، يەنە 2 مەيداندا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ كەلكۈن ئاپىتى ئەزەلدىن ھۆل يېغىن كەم بولغان تۇرپاندا 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت ھېسابلىنىدىكەن.

زىيان ئېغىر بولسىمۇ ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن

سىنا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇرپاندىكى چاتقال، سىڭگىم، ئۈزۈمچى، ئاستانە قاتارلىق يېزىلار ئاپەت تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، جەمئىي 280 ئائىلىلىكنىڭ 1522 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلگەن، 2700 مو بىنەم ھەمدە كېۋەزلىكلەرنى، تەكلەرنى سۇ بېسىپ، 36مىليون يۇئەن ئەتراپىدا بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان كۆرۈلگەن، دەسلەپكى سىتاتىستىكىدا تۇرپان تەۋەسىدە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئاممىنىڭ ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان، گەرچە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولسىمۇ، بەختكە يارىشا، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تۇرپاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كەلكۈندە يەنە 312 - نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولى بۆلىكىنى قىيان ئېلىپ كەتكەن. يېزىلاردىكى نۇرغۇن كىچىك تاش يوللار بۇزۇلغان، ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان چاتقال يېزىسىدا 6 كارىز ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان تۇرپاندا مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى ئۈزۈم بايرىمى ئۆتكۈزۇلىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەزگىل تۇرپاندا ساياھەتچىلىكنىڭ ئەڭ ئاۋات مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. كاتتا ساياھەت بايرىمى ھارپىسىدا تۇرپاننىڭ تۇيۇقسىز كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىشى، تۇرپان ھۆكۈمەت ھەمدە ساياھەت ئىدارىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.

كەلكۈن تۇرپان شەھەر ئىچىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن

بىز كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان بىر خادىم، ئاپەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، كەلكۈننىڭ تۇرپان شەھەر ئىچىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

چاتقال يېزىسى ھەممىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى

بىز يەنە بۇ قېتىم كەلكۈن ئاپىتىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان چاتقال يېزىسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن چاتقال يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. يېزىدىن بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ يېزىدا 30 مىڭ ئادەم بارلىقىنى، پاختا، تەگ، يوللار ۋە مىڭلىغان ئۆيلەرنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

50 يىلدىن بۇيانقى ئېغىر ئاپەت

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ -10 ئاۋغۇست ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ئەتراپىنى ئاساس قىلىپ ياققان قاتتىق يامغۇردا تۇرپان ۋېلايىتىلا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ قالماي، يەنە ئۈرۈمچى ھەمدە سانجىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن زەربىسىگە ئۇچراپ، 187 مىڭدىن كۆپ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان.

بۇ كەلكۈندە 9 - ئاۋغۇستقىچە 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان، كەلكۈندە يوقاپ كەتكەن كىشىلەر سانى تېخىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن. كەلكۈن يۈز بەرگەن رايونلاردا ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ سانى 11 مىڭ 4 يۈزگە يەتكەن. كەلكۈن ئاپىتى يەنە ئۈرۈمچى تۇرپان، سانجى قاتارلىق جايلاردا قاتناش، سۇ ئىنشائاتى، ھەمدە ئالاقە ۋاستىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۆلۈم باشلىقى لى شەنرۇي "داۋاملىق قۇرغاق بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي شىمالىدا بۇنداق زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى كەم ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ تۇرپان تەۋەلىكىدە بۇ 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇرپان، ئۈرۈمچى، سانجى ئەتراپىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن بۇ كەلكۈن ئاپىتىگە نىسبەتەن، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 4 - دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا مۇناسىپ تەدبىر قوللانماقچى ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.