تۇرپاندا، ئوت ئاپىتىدە زور زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئامما ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى


2007.11.01

TurpanOt-apet1-200.jpg
جوڭ شىن تور بېتى، www.news.xmnext.com, نىڭ 2007 - يىلى 3 - ئۆكەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى تەرەقىيات سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ، بىر كىچىك بالا ئۆلگەن، 25 دۇكان ۋە رەستۇرانلار كۆيۈپ كەتكەن. سۈرەت، www.news.xmnext.com بەتىدىن كېسىپ ئېلىندى. Photo: www.news.xmnext.com snap shot.

تۇرپاندىكى ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزچە ۋە يەنە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ، يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيى ئالدىدا تەخمىنەن يۈزلىگەن ئامما نارازىلىق يىغىلىشى ئېلىپ بارغان . چۈشتىن كېيىن بىر يېرىم ئەتراپىدا مەزكۇر نامايىش ھەرىكىتى ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلۇپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلگەن.

ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىگىلىشىمىزچە، 1 - نويابىر پەيشەنبە كۈنى تۇرپان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئەڭ ئاۋات سودا ساراي ھېسابلىنىدىغان يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيى ئالدىغا يىغىلغان ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچى ئامما، بىر نەچچە سائەتكىچە توپلىشىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

گەرچە تۇرپان ئاممىسىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى تېنىچ يول بىلەن داۋام قىلغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇزۇنغا قالماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەمدە ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ھەم بۇ جەرياندا ئىككى نەپەر كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن . تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ بىرى ئايال ئىكەن.

مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىگە شاھىد بولغۇچى ئاممىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلار سەككىز يۈزدىن كۆپرەك بولۇپ ،ئۇلار ئاساسەن ، 3 - ئۆكتەبىر يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە دۇكانلىرى كۆيۈپ ،زور ئىقتىسادىي زىيان تارتقان ئۇششاق تىجارەتچى ھەم سودىگەر ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قايتا تىجارەت باشلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمىگەنلىكىدىن نارازى بولغان ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تېز ئارىدا زىيانغا ئۇچرىغان تىجارەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇش قامدىشى ئۈچۈن سودا قىلىدىغان ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ نارازىلىق يىغىلىشىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرى كۈچلۈك بولغان.

تۇرپان شەھىرىنى ئىس-تۈتەك قاپلىدى

مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەنى -3 ئۆكتەبىردىكى تۇرپاننى ئىس تۈتەككە قاپلىغان يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ .

تۇرپان شەھىرىدىكى ئامما شەھەردىكى ھەممىدىن ئاۋات بازار ھېسابلانغان يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىدا تازا روزا ھېيتلىق سودىلىقىنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە،يەنى 3 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىملاردا ، بۇ سودا سارايدا تۇيۇقسىز تۇتاشقان ئوت ئاپىتى تۈپەيلى گاڭگىراشتا ھەر تەرەپلەرگە قاچتى . ئىس-تۈتەك تۇرپان شەھىرىنى بىر ئالدى ، سودا سارايدا ئون مىڭغا يېقىن كىشى بار ئىدى ، ئوت ئاپىتى يۇز بەرگەندىن كېيىن ، ئۆت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ، ساقچى دائىرىلىرى يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرگىچە ئارىلىقتا ئىككى يېرىم سائەت كەتتى ،گەرچە بۇ غايەت زور ئوت ئاپىتىدە ،ئوت ئۆچۈرۈشكە نەچچە مىڭ ئامما تەڭ قاتناشقان بولسىمۇ ، ۋەقەدە يەنىلا بىر كىچىك بالا قازا قىلدى، 25 ماگىزىن ۋە ئاشخانىلار كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى .

ھازىرغىچە تۇرپاندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىدى . سودا سارايدىكى ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزچە . بۇ سودا سارىيىدا دۇكان ئاچىدىغانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ ، شۇڭا خېرىدارلىرىمۇ ئاساسەن يەنىلا ئۇيغۇر ئاممىسى ئىكەن . گەرچە ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر ئوت ئاپىتىدە بىر كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەمما تۇرپاندىكى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ۋەقەدە 4 ئادەم ئۆلۈپ ، 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان ئىكەن .

ئوت ئۆچكەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ غەزەپ ئوتى ئۆچمىدى

مەزكۇر ئوت كېتىش ۋەقەسىدە دۇكىنى ھەم ئاشخانىلىرى كۆيۈپ كەتكەن سودىگەرلەر ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇلارغا تېز ئارىدا ۋاقىتلىق سودا باشلايدىغانغا قايتا ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىدىغانغا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ ، بىر ئايغا قەدەر ھەل قىلمىغان. دۇكانلىرى كۆيۈپ زور ئىقتىسادى زىيان تارتقاندىن باشقا بىر ئايغىچە تىرىكچىلىك يولىنى قىلالمىغان تىجارەتچىلەر بىرلىشىپ بۈگۈن مۇشۇ يولدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن.

بىز مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرپاندىكى يېڭى تەرەققىيات سودا ساراي جايلاشقان رايوندىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق ،گەرچە تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر ساقچى مەزكۇر ۋەقەنىڭ نامايىش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ، شۇنداق نارازىلىق ھەرىكىتى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز تۇرپاندا يۈز بەرگەن مەزكۇر نارازىلىق يىغىلىشى توغرىسىدا، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە مۇھتاجمىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.