ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
2007.11.02

ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، 11 - ئاينىڭ1 - كۈنى تۇرپان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيى ئالدىدا ئۇيغۇر سودىگەرلەر ھۆكۈمەتكە نارازىلىق يىغىلىشى ئېلىپ بارغان. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتى، تۇرپان يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 3 - ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن دۇكانلىرى كۆيگەن ھەم ئېتىلىپ قالغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سودىگەر، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىر ئايغا قەدەر قايتا تىجارەت ئورنى كۆرسىتىپ بەرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بۇ يىغىلىشنى تەشكىللىگەن ئىكەن. گەرچە مەزكۇر ۋەقە خىتاي مەتبۇئات يۈزىگە چىقمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بىز تۇرپان ۋىلايىتى ھەم تۇرپان شەھەرلىك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىشكە تىرىشتۇق.
مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىگە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە بەزى ئاز ساندىكى خىتاي سودىگەرلەر قاتناشقان
1 - نويابىر تۇرپاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ نارازىلىق يىغىلىشىغا شاھىد بولغۇچىلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىگە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە بەزى ئاز ساندىكى خىتاي سودىگەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئاۋات بازار بولۇپ كەلگەن، تۇرپان تەرەققىيات سودا بىناسى يەنى بىر ئاي ئىلگىرى چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن سودا سارىيىنىڭ ئالدىغا يىغىلىشىپ ھۆكۈمەت ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان. بۇ جەرياندا ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق چىقمىغان. ئەمما ساقچى ماشىنىلىرى بىرەر سائەتـكە قالماي يېتىپ كەلگەن.
ئاۋازىنى رادىئودا ئاڭلىتىشىنى خالىمىغان بىر تۇرپانلىق كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىغا تۇتىشىدىغان ھەر بىر كوچا ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن قامال قىلىنغاندىن باشقا، نامايىش مەيدانى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنغان. ئاندىن تۇرپان ۋىلايەت ھەم شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەزى كادىرلىرى كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم ۋەدىسىدە تۇرۇپ تېز ئارىدا ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ قايتا سودا باشلىشى ئۈچۈن ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى ھۆددە قىلىپ نامايىشچىلارنى تارقاتقان.
يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 - ئۆكتەبىر سودا سارايغا ئوت كەتكەندىن كېيىن، مەزكۇر بازار پۈتۈنلەي تاقالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شۇ چاغدا بارلىق دۇكاندارلارنىڭ تېزدىن قايتا سودىسىنى باشلىشى ئۈچۈن باشقا جايدىن ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىدىغانغا ھۆددە قىلغان بولسىمۇ، بىر ئايغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن. بۇ سودا سارايدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇر بولۇپ، دۇكانلار تارقالغاندىن كېيىن ئاز ساندىكى خىتايلار باشقا جايلاردىن دۇكان ئېچىپ تىجارىتىنى قايتا باشلىغان. ئەمما ئۇيغۇر سودىگەرلەر بىر ئايغا قەدەر تاپاۋەتسىز قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلغايغان نارازىلىق ئاخىرى نامايىشقا ئايلانغان ئىكەن.
تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.
زىيان ئېغىر بولغان
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا، تۇرپان شەھىرىدىكى ئاۋات بازار ھېسابلانغان يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيىدا -3 ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتىدە بىر كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 25 ماگىزىن ۋە ئاشخانىلارنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەمما شۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 1 - نويابىر نارازىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئات يۈزىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا تۇرپاندىكى ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى گەرچە نامايىش دېمىگەن بولسىمۇ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى شۇنداق نارازىلىق ھەرىكىتى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان ئىدى. بىز مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ قانداق ھەل بولغانلىقى ھەمدە تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۇرپاندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۇق. دەسلەپ تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ "بىز بۇ ۋەقەدە ئادەم تۇتمىدۇق، خاتا ئاڭلاپسىلەر. باشقىسىنى باشلىقلاردىن سوراڭ" دېدى.
بىز يەنە تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، مۇناسىۋەتلىك بىر كادىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە تۇرپان ۋىلايەتلىك مەھكىمە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە، تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى كادىرىغا تېلېفون ئۇلىغان بولساقمۇ، ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى:
خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەلىك ھەم ئۇنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرىنى ئەزەلدىن مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە
مەلۇم بولغىنىدەك، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ بۇ خىل ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى جىددىي ھەم قاتتىق تۈردە باستۇرغاندىن باشقا ھەر قانداق يولدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەقەلىك ھەم ئۇنىڭ سەۋەب- نەتىجىلىرىنى ئەزەلدىن مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە رادىئومىز ئارقىلىق، تۇرپاندا يۈز بەرگەن خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەزكۈر ۋەقە ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر پەيدا بولماقتا. بولۇپمۇ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۇشى بولغان تۇرپاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر توپلاشقان بازارغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېنىقلىمىغانلىقى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك گۇمانلار پەيدا بولماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئاتۇش بازىرىنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن باشلانغان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سودا بازىرى بولغان تۇربازادا ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەرگەن سىرلىق ئوت ئاپەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە زىيان تارتقان ۋەيران قىلىنغانلار ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىدى. بۇ قېتىم تۇرپاندىكى تەرەققىيات سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار رولىنى ئېلىۋاتقانلىقى، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرىنىڭ كۆيۈپ ئون مىليون يۈەن ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچرىغانلىقى شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىمىغانلىقى ئۇيغۇرلاردا بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان قەستەن ئوت قويۇش ۋەقەسىمۇ قانداق ؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.
تۇرپاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا ئۆز باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار قانداق باشقۇرۇلىۋاتىدۇ؟ --- بىر " نەمۇنىچى" نىڭ ئېيتقانلىرى
- تۇرپاندا، ئوت ئاپىتىدە زور زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئامما ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى
- تۇرپاندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نامايىش قىلدى
- بىر ئۇيغۇرنىڭ رابىيە خانىم ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سىبىرىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قويۇقلاشماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- خىتاي خەلقئارا مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا تۇرۇش لاياقىتىگە ئىگىمۇ؟
- فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ۋە ئۇيغۇرلار نامايىشى