تۇرپاندىكى نامايىش يەنە داۋاملاشماقتا


2007.11.26

TurpanOt-apet-150.jpg
جوڭ شىن تور بېتى، www.news.xmnext.com, نىڭ 2007 - يىلى 3 - ئۆكەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى تەرەقىيات سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ، بىر كىچىك بالا ئۆلگەن، 25 دۇكان ۋە رەستۇرانلار كۆيۈپ كەتكەن. سۈرەت، www.news.xmnext.com بەتىدىن كېسىپ ئېلىندى. Photo: www.news.xmnext.com snap shot

بۇ يىل 11 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- ۋە 19 ‏- كۈنلىرى، تۇرپان شەھىرىدىكى تىجارەتچىلەر نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ،تۇرپاندىكى تىجارەتچىلەر مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزگەن 2 ‏- ۋە 3 ‏- قېتىملىق نامايىش بولۇپ، 1 ‏- قېتىملىقى 11 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقى 3 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزىنىڭ زىياننى قىسمەن تۆلەپ بېرىش ۋە يېڭى ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىش ۋەدىسىنى ھازىرغا قەدەر ئورۇنلىمىغان.

نامايىشچىلارغا ھەم ئالداش ھەم تەھدىت پوزىتسىيىسى تۇتۇلغان

نامايىشنىڭ نەق مەيدان ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش تېنچ شەكىلدە داۋام قىلغان، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ بىر تەرەپتىن، ۋەدىسىنى يېڭىلاپ، نامايىشچىلارنى ئالداش پوزىتسىيىسىنى تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا ساقچى قىسىملىرى؛ ھەتتا بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، نامايىشچىلارغا تەھدىت سالغان.

بىز نامايىشتا نامايىشچىلارنىڭ قانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى، دەسلەپ نامايىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

تەشۋىقات كادىرى، نامايىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

بىز قولىمىزدا نەق مەيدان ئاۋاز خاتىرىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر خادىم ئوت كېتىش ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى تارقىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1 ‏- نويابىردىكى نامايىشقا 800 گە يېقىن كىشى قېتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قانچىلىك كىشى قېتىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس ؛ ئەمما نامايىشنىڭ نەق مەيدان ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ قاتناشقا توسالغۇ بولغانلىقى مەلۇم ؛ بۇ ئەھۋالدىن نامايىشچىلار سانىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى-ئۈچ يۈز كىشى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن.

بىرىنچى قېتىملىق نامايىشتا ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان، بۇ قېتىمقىسىدا، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بار ‏- يوقلۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۇرپان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ساقچى ئىدارىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇخبىر زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ساقچى باشلىغى: " بىز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايمىز"

ئالدىمىزدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە، خىتايدا ئەڭ بازار تاپقان كىتاب " خىتاي يازغۇچىسى سۇڭ خۇڭبىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان " پۇللار ئۇرۇشى" دېگەن كىتابتۇر، كىتابتا دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشنىڭ پۇل توقۇنۇشى ئىكەنلىكى، خىتاي مىللىتىنىڭ دۇنياۋى رىقابەتتە ئىقتىسادىي كۈچكە تايىنىپلا، غالىپ چىقالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ خىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە بىپەرۋا قارىشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىماقتا.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىكرىچە، "ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەل بولماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ مال-دۇنياسىغا ئوت كېتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ مىللىي مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ." (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.