0:00 / 0:00
يېقىندا قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، بېشكەكتىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
مەزكۇر نامايىش قىرغىزىستان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنى قوللىغانلىقىغا رەخمەت ئېيتقان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.