خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا غۇلجىدا ياشلار تۇتقۇن قىلىندى

0:00 / 0:00

ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكەنكى يىللارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بولغان.

چاغان ھارپىسىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق مەلۇمات ئالغىنىمىز، غۇلجىدا 700دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ توغرۇلۇق بىز ئالدىنقى ھەپتە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئىگە بولىشىمىزچە، 1-ئاينىڭ 8- كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش، غۇلجىدىكى 4- دېۋېزىيە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سەۋەبسىز تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بەزىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ بىر قىسمىنىڭ ھازىرغىچە دادامتۇ تۈرمىسى قاتارلىق بىر قانچە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئېھتىيات

دېگىنىڭىز پۈتۈنلەي يالغان. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قالايمىقان تېلېفون ئۇرماڭ

ئىلىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان ھارپىسىدا ھەمدە 5- فېۋرال ئىلى ۋەقەسى بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرەر سىياسىي ھەركەت ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىنماقتا.

ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ مەقسىدى ۋە 700 دىن ئوشۇق ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون ئۇلىدۇق.

تۇتۇلغانلار دادامتۇ تۈرمىسىدە

ئۇلارنى بىز تۇتمىدۇق، 700 دەك ئادەمنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تۇتۇپتۇ.

گەرچە بۇ ساقچى ئىدارە باشلىقى چاغان ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىز 4- دېۋېزىيە ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي ساقچى “ ئۇلارنى بىز تۇتمىدۇق، 700 دەك ئادەمنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تۇتۇپتۇ" - دېدى.

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ساقچىسى چاغان ھارپىسىدا، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھەقىقەتەن 700دىن ئارتۇق ياشنى تۇتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 150 كە يېقىنىنى ھازىرغىچە سولاپ تۇرىۋاتقانلىقى، قالغانلىرىنى تەكشۈرۈپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، تۇتۇلغانلىرىنىڭ دادامتۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە يۇقىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئاساسلىق زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئاساس قىلغانلىقىنى، قالغان سىياسىيغا چېتىشلىق تەرەپلىرىنىڭ با -يوقلىقىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ساقچىنىڭ بەرگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسلىنىپ دادامتۇ تۈرمىگە تېلېفون قىلدۇق. بىر خىتاي ساقچىدىن چاغان ھارپىسىدا تۇتۇلغان ياشلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ تۈرمىدە ئىكەن، ئۇلارنىڭ جىنايىتى نىمە دەپ سورىدۇق.

ئۇ جاۋابەن، "ھەئە، شۇنداق ئۇلار ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر" - دېدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن، بۇ چوڭ تۇتقۇندا تۇتۇلغانلاردىن قانچىسى سىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ ؟ دەپ سورىدۇق.

ئۇ: "بۇ ئېنىق ئەمەس، بۈگۈن ئوتتۇز، ئەتە يىگىرمە بولۇپ قالىدۇ، تەپسىلى ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولساڭلار مۇشۇ يەرگە كېلىڭلار، مەن بۇنىڭدىن جىق نەرسە دەپ بېرەلمەيمەن" - دېدى.

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى: بۇنداق ئىش يوق

بىز ئىلىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ قاچان بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېيىمغا تېلېفون ئاچتۇق. تېلېفوننى ئالغان ساقچى باشلىقى رېھىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنداق ئىشنىڭ بولمىغانلىقىنى، كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شۇ يەرگە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن تېلېفون ئۇرماسلىقىمىزنى ئېيتتى.

4- دېۋېزىيە ساقچى ئىدارىسى: غۇلجا ساقچى ئىدارىسى تۇتتى

ئىلى ئوبلاستىنىڭ خەۋەر تورىدا 16 - فېۋرال كۈنى، ئىلى خەلقى بۇ چاغان بايرىمىنى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى، چوڭ جىنايى ۋەقە ياكى ھادىسىلەر يۈز بەرمىدى دەپ خەۋەر بېرىلدى. دېمەك، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ناھايىتى مەخپى ئېلىپ بارغان.

ئەپسۇس، ئىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە چاغان ھارپىسىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق -تۇققانلىرى، ھازىرغا قەدەر تۇتۇلغانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغاچقا، غەم ئەندىشىدە تۇرماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)