قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە


2007.05.29

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2006 - يىلىدىن بۇيان قازاقىستاندا قازاق ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى 6 دىن ئاشىدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، 2006 - يىلى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان يۈسۈپ قادىر توختى، ئابدۇقادىر سىدىق ۋە شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قولغا ئېلىنغان يارمەمەت سادىق ۋە 2007 - يىلى فېۋرالدا تۇتقۇن قىلىنغان رەھمەتجان ئەخمەت قاتارلىقلار بار.

بۇ ياشلاردىن يۈسۈپ قادىر توختى، ئابدۇقادىر سىدىق ۋە رەھمەتجان ئەخمەت قاتارلىقلار قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. لېكىن، بەزى بىرەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يارمەمەت سادىق تېخىچە قازاق تۈرمىسىدە سولاقتا ئىكەن.

ئۇلار قازاق تۈرمىسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر ياشلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلغان ۋە 2007 - يىللىق دوكلاتىنىڭ قازاقسىتان قىسمىدا، يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، قازاق تۈرمىسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنىشى ۋە كىيىن خىتايغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىپ، ئالاقە باغلاش مۇمكىنچىلىكى يوق بىر تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

قازاقىستاندا تۇتۇلغان ياشلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇلارنى قولغا ئالغاندىن كىيىن بىر مەزگىل قازاق تۈرمىسىگە قاماپ خىتاي ساقچىلىرى قاتتىق سوراق قىلغان، ئېغىر قىيىن‏- قىستاققا ئالغان ۋە تەن جازاسى بەرگەن.

ئۇلارنى قازاقىستاندا مەلۇم مەزگىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كىيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن بۇ ياشلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئارقىلىق قازاق تۈرمىسىدىكى تۇققانلىرىنىڭ دېرىكىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە چىقمىغان.

ھازىر قازاق تۈرمىسىدە بولۇش مۇمكىنلىكى تەخمىن ئېتىلگەن يارمەمەت سادىق 2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 كۈنى "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" جىنايىتى بىلەن قازاقىستاندا قولغا ئېلىنغان.

قازاق ساقچىلىرى يارمەمەت سادىققا "ئۆيۈڭدىن قورال چىقتى" دەپ تۆھمەت چاپلىغان ۋە تۈرمىگە قامىغان. تۈرمىگە كىرگەندىن كىيىن خىتاي ساقچىلىرى سوراق قىلغان ۋە قاتتىق قىينىغان.

"بۇ خىتاي زاكاس قىلغان بالا"

ئۇنىڭدىن باشقا،2007 - يىل 2 - ئايدا قازاق ساقچىلىرى رەھمەتجاننى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغاندىن كىيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ رەھمەتجاننىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا ئۇ "مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى" گە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن.

بىز سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، رەخمەتجاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۇل خەجلەش يوللىرىنى ئىزلىگەن بولسىمۇ قازاق ساقچىلىرى: "بۇ خىتاي زاكاس قىلغان بالا. ئاۋارە بولما. خىتاي بىلەن تەڭ كېلەلمەيسەن" دەپ قايتۇرۇۋەتكەن.

رەھمەتجان ئەخمەت ئەسلىدە 1995 - يىلدىن بۇيان قازاقىستاندا سودا - تىجارەت بىلەن ھايات كۆچۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئوقىتى روناق تاپقان بولغاچقا خېلى نوپۇزلۇق بايلاردىن بولۇپ قالغان. ئىگىلىشىمىزچە، رەھمەتجان تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كوپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان.

تۇتقۇندىكى ياشلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرى بېسىم ئىچىدە

بۇ بىر تۈركۈم تۇتقۇندىكى ياشلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزلۇملار يولداشلىرىنىڭ ئىز - دېرىگىنى قىلىش يولىدا ھەرخىل خورلۇقلارغا، تەڭسىزلىككە ۋە قازاق ساقچىلىرىنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ھازىرچە قازاقىستاندا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىگە سولانغان ئىكەن. بىز سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بالىلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان.

بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتقانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي ساقچىلىرى قازاقىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئىشىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرچە ئۇلار قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى مەخپىي تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ۋە سۈرەتلىرىنى تەييارلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار دائىم ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.