خەلق ۋەكىللىرى بېيجىڭگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى تۇتقۇن قىلغان


2005.03.01
Womens.jpg

بېيجىڭدە ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھرىدە تۇرىۋاتقان خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى مۇنداق دېدى:

- بۇ ئىككى چوڭ يىغىن "خەلق ۋەكىللىرى" مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭگە كېلىپ ئاچقان يىغىن، بۇ ۋەكىللەر مەزكەزگە ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ دەر - ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىلى كېلىدۇ. ئەمما شۇنداق قىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىغان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى بېيجىڭگە باشقا ئۆلكىلەردىن دەرت ئېيتىپ كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ تەڭسىزلىككە، ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلغىلى كەلگەن خەلقنى تۇتقۇن قىلغان. ئەسلى قائىدە بويىچە بولسا، مەزكىزى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى دەرت ئېيتىپ كەلگەن خەلقنىڭ ئالدىغا ئۆزلىرى چىقىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بېقىشى لازىم ئىدى. قەدەمكى زامانلاردىكى فېئودال سۇلالىلارنىڭ پادىشاھلىئىرىمۇ شۇنداق قىلالايتتى. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە "خەلق ۋەكىللىرى" بېيجىڭگە كەلسىلا خەلقنى تۇتقۇن قىلىدۇ، بۇ قېتىم خەلقنى تېخىمۇ كۆپلەپ تۇتقان. خەلقنىڭ ۋەكىلى كەلسە خەلقنى تۇتقىن قىلىدىغان بۇ قانداق مەنتىقە! گېزىتلاردا ئەيتىلىشىچە، خەلقنى تۇتقىن قىلىدىغان ئىشقا رەسمى ساقچىلاردىن باشقا يەنە "ئامانلىقنى ساقلاش" دەپ ئاتىلىدىغان بەلگە ئېسىۋالغان 250 مىڭ "ساقچى"نىمۇ سەپەرۋەر قىلغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ھەرىكەت. بۇنى قانداقمۇ خەلقنىڭ دۆلىتى، خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېگىلى بولسۇن؟

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى خۇ جىنتاۋ تەستىقلىغان لايىھىلەرنى ماقۇللاپ ئاياغلاشقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭگە كەلگەن 2988 نەپەر خەلق ۋەكىلى رەئىس خۇجىنتاۋ تەستىقلىغان "جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لايىھىسى"، "قايتا پايدىلىنىدىغان ئېنېرگىيە قانۇنى" قاتارلىق لايىھىلەردە ئاۋاز بېرىش بىلەن ئاياغلاشقان. رەئىس ۋۇ باڭگو بۇ يىغىننى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، بۇ يىغىن ھەم دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنىمۇ ئەستەيىدىللىق بىلەن قاراپ چىقتى، دېگەن.

خەلق ۋەكىللىرى بېيجىڭگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى تۇتقۇن قىلغان

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن بۇ يىل باشلانغان ھامان، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بېيجىڭگە دەرت ئېيتقىلى كەلگەن خەلقتىن ئاز دېگەندە 440 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان. ئاز دېگەندە 100 ئادەمنى قاتتىق ئۇرغان. ساقچى ئاپتوموبىللىرى كوچىلارنى كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ يۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ ئىككى يىغىن مەزگىلكىدە 650 مىڭ كىشىلىك "پىدائى قىسىم" سەپەرۋەر قىلغان. ھۆكۈمەت بۇلتۇر مۇشۇ كۈنلەردە 12 مىڭ تور بېتىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئىنتېرنېتنى 24 سائەت كۆزىتىپ، ئەركىن پىكىرلەرنىڭ چىقىشىنى توسقان. سىياسى كېڭەش يىغىنىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى ماقۇللاپ ئاياغلاشقان

"خەلق گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىمۇ مۇشۇ كۈندە ئاياغلاشقان. رەئىس جا چىڭلىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا يەنە سىياسى كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىنى يۈرۈشلەشتۈرىدىغان خىزمەت تۈزۈمى ھەققىدە قارار ماقۇللانغان. بۇ كېڭەشنىڭ قارىمىقىدىكى "پارتىيىسىز دېموكراتىك زاتلار" دېگەن نامنى "پارتىيسىز زاتلار" دەپ ئۆزگەرتىش، "تارىخىي ئەسەرلەر كومىتېتى" دېگەن نامنى "تارىخىي ئەسەرلەرنى ئۈگۈنۈش كومىتېتى" دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان.

خەلق بېيجىڭگە كېلىپ دەردىنى ئېيتىپ بولغىچە تۇتۇلۇپ كەتكەن

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل "خەلق ۋەكىللىرى" بېيجىڭگە يىغىنغا كەلگەندە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېڭىچە تەدبىر قوللىنىپ، دەرت ئەيقىلى كەلگەن خەلقنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقىن قىلغان. "خەلق ۋەكىللىرى" ئۆلتۇرغان ماشىنىلار كوچىدىن ئۆتكەندە، ساقچىلارخەلقنى ئۇلارغا يېقىنلاشماي ئايلىنىڭ ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ماقالىدا يەنە بىرمۇنچە رەسىملىك خەۋەر بار. رەسمىلەردە چىرايىنى غەم ۋە دەرت ئەلەم قاپلىغان چوكانلار، يىغلاۋاتقان ئانىلار، بېشى قاتقان بوۋايلار بار. خەۋەردە ئەيتىلىشىچە، دەرت ئەيقىلى كەلگەن بۇ كىشىلەر ھۆكۈمەت ئورنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ دەردىنى ئەيتىپ بولغىچە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقىن قىلىنىپ كەتكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.