تۇۋا جۇمھۇرىيىتى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى


2007-04-04
Share

قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى جايلاشقان تېرەكۆلىنىڭ سۇنئىي ھەمراھتىن كۆرۈنىشى. image courtesy/Google Earth

رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئە سىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى.

"Tuva Online" ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تۇۋانىڭ تېرە-خول كۆلىگە جايلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇر "پور-باجىن" قەلئە سىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قەلئە جايلاشقان جايدىن قىرغاققىچە بولغان ئارىلىقتا 1250 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كۆۋرۈك سېلىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن قەلئە نى تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

"تۇۋا ئونلايىن" ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قەل' ئەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك بىر ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئومۇمىي يۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭغا موسكۋا ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىملىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن. ئۇيغۇر قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى موسكۋادا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، سىياسىيونلار، ئالىملار ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك ھالدا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەرىپلەشكەن.

قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئە سى تۇۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تېرە-خول كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭلىكى 211 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 240 مېتىر كېلىدۇ. قەلئە سېپىلى ۋە باشقا خارابىلەر بىراز ياخشى ساقلىنىپ قالغان.

ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش

مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر شەھەر قەلئەسى تۇنجى قېتىم 1891 –يىلى رۇس مۇزېيشۇناسى دمىترىي كىلېمېنتس تەرىپىدىن تېپىلغان. 19 57-1963-يىللىرى بۇ قەلئە ئۈستىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ پارچىسى، قاچا-قومۇچ ۋە باشقىلار تېپىلغان. ئالىملار بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر قەلئەنىڭ بەلكى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى مەزكۇر قەلئەنىڭ 8-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە ئىكەنلىكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مويۇنچۇر تەرىپىدىن تەخمىنەن 746- 759-يىللىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغانلىقىنى، قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

مەزكۇر قەلئە ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلىنماي قالغان بولۇپ، 2004-يىلى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇۋانىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى تۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن 2007-يىلى موسكۋانىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ يەردە قايتىدىن ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ۋە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، قەلئەنى جۈملىدىن قەلئەدىكى ئوردا-ساراي ۋە ئىبادەتخانا ھەم باشقىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە ئېچىشنى قارار قىلغان ھەمدە مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنغان.

تۇۋانىڭ قىسقىچە تارىخى

تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيىدىكى ئورنى.image courtesy: Wiki

تۇۋالار ئۆزلىرىنى ئادەتتە تىۋا ياكى، سويوت، سويون ۋە ئۇرانخاي ۋە ياكى تاينۇ تىۋالار دەپمۇ ئاتايدۇ. تۇۋالار قەبىلە تۇزۇلمىسى بويىچە غەربىي ۋە شەرقى تارماقلارغا بۆلۈنگەن. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالە بۇددىزىمنىڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامانىزمنىڭ قالدۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. رۇسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 140-100مىڭلار ئىلگىرى بۇ رايوندا قەدىمكى ئادەملەر ھەركەت قىلغان ئىكەن. ئۇ چاغلاردا تۇۋانىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بولۇپ، ھازىرقىدىن پەرقلىق بولغان. مىلادىدىن 4-5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تەۋە ئوقيا، تاش قوراللار تەپىلغان. تۇۋا تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرگەندە يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئاھالىلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ، تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇۋا رايونى ئىلگىرى كېيىن ھۇنلار، سىيانپىلار، جوجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ھۇنلارنىڭ بۇ رايونلارنى ئىگىللىشىمۇ مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ماددى مەدەنىيىتى ھەم ئىرقىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ.

6-ئەسىردە تۇۋا تۈرك قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ رايوندا فېئوداللىق جەمىيەت شەكىللەنگەن. تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن ئالىملار كۆك تۈركلەر دەۋرىدە تۇۋا رايونىدىكى ئاھالىلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن ئەمما ئاز بىر قىسىمىنىڭ دەھقانچىلىق ھەم، پولات تاۋلاش قاتارلىق ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇ چاغلاردا تۇۋا رايونىدا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر يېزىققا ئىگە بولغان ھەم شۇنىڭدەك تاشلارغا، ۋە باشقا بۇيۇملارغا قەدىمكى تۇرك يېزىقى بىلەن يازما يادىكارلىقلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق تۇۋا تارىخشۇناسى كىزلاسوپنىڭ " ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى تۇۋا" ناملىق كىتابىدا يېزىلىشىچە، مىلادى 744-يىلى تۇۋا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تۇۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، بۇ جايدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم ماكانلىشىشى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يۇغۇرلۇشى كېلىپ چىققان. تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەتقىق قىلغان كىزلاسوۋ، خۇدىكوۋ، ۋاينېشتېيىن ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلار تۇۋالارنىنڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان مۇھىم ئېتنىك تەركىپتۇر.

تۇۋادىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرى

رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى تۇۋادا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن 17 ئۇيغۇر شەھەر خارابىسىنى تاپقان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى زىچ ياشىغان ھەم شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ شەھەرلەر، تۇۋادىكى تۇران، تېمىر سۇگ، ئۇيۇق قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادى 840- يىلى قىرغىزلار بىلەن باشقا تۇۋا قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىدا يوقالغان بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغاندىن كېيىن تۇۋا بىر مەزگىل قىرغىزلارغا تەۋە بولغان، قىرغىزلارمۇ بۈگۈنكى تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە قاتناشقان.

قەدىمكى ئۇيغۇر "پور- باجىن" قەلئەسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئەنە شۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىپ، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى ھەمدە يەتتە سۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردىكى يەرلىك قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر قەلئەنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەم قەلئە جايلاشقان كۆلنىڭ پەيدا بلۇشى ھەققىدە تۇۋا خەلقى ئارىسىدا تۈرلۈك رىۋايەتلەر تارقالغان.

تۇۋالارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئېتنىك باغلىنىشى سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر تۇۋالار ئارىسىدا ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان.

تۇۋا قەبىلىلىرى 13-ئەسىردە موڭول ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان، كېيىن بىر مەھەل مۇستەقىل ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئوتمەي جۇڭغارلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن.

تۇۋالار ئۆتكەن ئەسىردە

1914-يىلى تۇۋا رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىغا ئۆتكەن. بولشېۋىك ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. رۇسىيە ئىزچىل ھالدا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەملەرنى كۆرسەتكەن. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇۋېلىنغانغا قەدەر بۇ جۇمھۇرىيەت ئۆز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىمنى ئاساسى قانۇنىغا ھەمدە موسكۋادا ۋە موڭولىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىغا ئىگە بولغان ئىدى. 1961-يىلى قايتىدىن تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، تۇۋا 1990-يىلى تۇۋا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، ئارقىدىنلا تۇۋا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى كۆتەرگەن.

تۇۋا خەلقى بۈگۈنكى كۈندە سانىنىڭ ئاران 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشىغا قارىماستىن موسكۋانىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقتىكى دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ موسكۋا بىلەن فېدېرال كېلىشىمىگە قول قويۇپ، رۇسىيىنىڭ تەركىبى قىسمى بولسىمۇ، لېكىن ئۆز دۆلەت ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى ھەم دۆلەت شېئىرىغا شۇنىڭدەك باشقا بارلىق دۆلەتچىلىك سىستېمىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان.

تۇۋا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئاساسى قانۇنى 1993-يىلى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتنىڭ ئالى ئورگىنى يەنى قانۇنى ھاكىمىيىتى ئالى خۇرال دەپ ئاتالغان. دۆلەت رەھبىرى پرېزىدېنت دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇۋانىڭ يەر مەيدانى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. نوپۇسى، 3005، 500 مىڭدىن ئارتۇق. ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن سېلىنغان مەزكۇر ئۇيغۇر قەلئەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، بۇ جاينىڭ قىزىقارلىق تارىخىي ساياھەتچىلىك نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت