تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قىزىقماقتا
2005.09.12
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي چېگرىلىرى ئەتراپىغا جايلاشقان رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بىۋاستە ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئورنىتىشقا قىزىقماقتا.
تۇۋالار ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلار ئورنىتىشنى پىلانلىماقتا
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى يىغىنىغا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە فېدېرال رايونىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سىبىرىيىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەر ۋە گۇبېرنىيىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلىمۇ بۇ ئۆمەك تەركىبىدە بار بولۇپ، تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك خەۋر ئاگېنتلىقى " تۇۋا –ئونلايىن"نىڭ 8-سېنتەبىردىكى سانىدا تۇۋا ژۇرنالىستى دىنا ئويۇننىڭ " تۇۋا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەن تۇۋا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر بروكېرت ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى ھەققىدە سىبىرىيە فېدېرال رايونىنىڭ يىغىنىدا قىلغان دوكلاتىدا تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىپ، بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تۇۋا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر بروكېرت تۇۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە مەدەنچىلىك ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ تۇۋا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇۋانىڭ پايتەختى قىزىل شەھىرىدە ياغاچچىلىق زاۋۇتى قۇرۇش ھەمدە تۇۋانىڭ قىزىل-تاشلىق رايونىدا بىرلەشمە مېتاللۇرگىيە ساھەسى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنى قۇرۇش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە ئاپتور توۋارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ جايدا يەنە 1500 دىن ئارتۇق تۇۋالارنىڭ ياشايدىغانلىقى شۇ سەۋەبتىن تۇۋا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك پىلانلىرىنى تۈزۈپ، ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن.
تۇۋالار كىملەر؟
ئەلۋەتتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ تۇۋالارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇنچىۋالا قىزىقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلاۋاتقاندا، تۇۋالار كىملەر ؟ دېگەن سوئالنى قويۇشى تەبىئىي.
تۇۋالار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلق بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادەتتە تىۋا ياكى، سويوت، سويون ھەم ئۇرانخاي ۋە ياكى تاڭنۇ تىۋالار دەپمۇ ئاتايدۇ.
تۇۋالارنىڭ سانى رۇسىيىنىڭ 2002-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا 198.4 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن رۇسىيە تەۋەسىدىكى سانى 206.2دىن ئارتۇق. تۇۋالار يەنە رۇسىيىدىن باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ تارقالغان. موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ ئاز ساندا تۇۋالار ياشايدۇ.
تۇۋالارنىڭ يېزىقى سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى تۇۋا يېزىقى بولۇپ،. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالە بۇددىزمنىڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامانىزمنىڭ قالدۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان.
تۇۋالار سان جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسىچىلىك بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدە جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان. تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئۆز پرېزىدېنتى، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ، موسكۋا بىلەن فېدېراللىق كېلىشىمىگە قول قويغان. دېمەك، ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمىي تارىخىي ئورتاقلىققا ئىگە تۇۋالار سان جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 40 ھەسسە ئاز بولۇشىغا قارىماي، بەرىبىر جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇققا ئېرىشىپ، ئۆز پرېزىدېنتى ۋە ئاساسىي قانۇنىنى ھەمدە دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېمنىنى بېكىتىشكە مۇۋەپپەق بولغان.
تۇۋالارنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرى
ئۇلار مۇرەككەپ ئېتنىك تەرەققىيات تارىخى ھەم سىياسى تارىخ جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، قەبىلە تۈزۈلمىسى بويىچە غەربىي ۋە شەرقى تارماقلارغا بۆلۈنگەن.
مىلادى 744-يىلى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز قاغانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن، تۇۋا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تۇۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، بۇ جايدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم ماكانلىشىشى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تۇۋالار يەرلىك تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەتقىق قىلغان كىزلاسوۋ، خۇدىكوۋ، ۋاينەشتېيىن ۋە باشقا رۇس ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلار تۇۋالارنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان مۇھىم ئېتنىك تەركىپتۇر.
رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى تۇۋادا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن 17 ئۇيغۇر شەھرىنىڭ خارابىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى زىچ ياشىغان ھەم شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ شەھەرلەر، تۇۋادىكى تۇران، تەمىر سۇگ، ئۇيۇق قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئىكەن. شۇڭا ھازىرغا قەدەر تۇۋالار ئارىسىدا ئۇيغۇر، قىرغىز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان.
1914-يىلى تۇۋا رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىھا ئۆتكەن، بولشېۋىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. رۇسىيە ئىزچىل ھالدا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەملەرنى كۆرسەتكەن ھەمدە بېسىملارنى ئىشلەتكەن. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇۋېلىنغانئ غا قەدەر بۇ جۇمھۇرىيەت ئۆز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېمنى ۋە ئاساسى قانۇنىغا ھەمدە موسكۋادا شۇنىڭدەك موڭولىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىغا ئىگە بولغان ئىدى. مەزكۇر مۇستەقىل دۆلەت ستالىن تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرى بىكار قىلىنىپ، ئاپتونوم ئوبلاستقا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1961-يىلى قايتىدىن تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، 1990-يىلى تۇۋا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن تۇۋا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى كۆتەرگەن.
"تۇۋا ئونلايىن" ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى پايتەخت قىزىل شەھىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش يولى ئېچىشنى ئويلاشقان بولۇپ، قىزىل شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە شەھىرىگە بولغان ئارىلىق موڭغۇلىيە ئارقىلىق ھېسابلىغاندا 1600 كىلومېتىر بولىدىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا تۇۋالار بىلەن تىل جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاھالىلارنىڭ بولۇشى، قاتناش يوللىرىنىڭ يىراق ئەمەسلىكى ھەمدە مېھمانخانا، ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بەك قىممەت ئەمەسلىكىدەك ئەھۋاللارنى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئامىللار دەپ قارىغان. (ئۈمىدۋار)