"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" بىرلەشمىسى، خىتايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش ۋەكىللىرىگە ئوچۇق خەت يوللىدى


2008.02.28

"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" بىرلەشمىسى، خىتايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە تەييارلىغان ئوچۇق خېتىنى 28- فېۋرال پەيشەنبە كۈنى توردا ئېلان قىلغان بولۇپ، تيەنئەنمېن ئانىلىرى، 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش ۋەكىللىرىگە يوللىغان خېتىدە: " تارىخى يارىنى ساقايتىش، ‘4- ئىيۇن’ دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئىزلىگەن ھەق- ئادالەت ئۈچۈن، بىز ھەر بىرىڭلارغا چىن قەلبىمىزدىن شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، مۇھىم تاپشۇرۇقنى نائۈمىد قويمىغان ۋە بۇرچۇڭلارغا داغ يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھۆكۈمەتنى "4- ئىيۇن" ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىۋاستە، باراۋەر ۋە سەمىمىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىغان بولساڭلار،" دېيىلگەن.

ئۇلار ئوچۇق خېتىدە" 4- ئىيۇننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش" قاتارلىق 3 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان

تيەنئەنمېن ئانىلىرى، ئوچۇق خېتىدە يەنە، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن "4- ئىيۇن" مەسىلىسىنى قانۇن بۇيىچە مەخسۇس قانۇن لايىھىسى شەكلىدە قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ئالاقىدار قانۇن لايىھىسى بېكىتىپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

خەتكە بىرلىكتە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە دىڭ زىلىن، جاڭ شىيەنلىڭ، لى شۆۋېن قاتارلىق 125 ئادەم بار بولۇپ، مەزكۇر ئانىلارنىڭ بىرسى بولغان دىڭ زىلىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ نۆۋەت يوللىغان ئوچۇق خېتىدە 1995- يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان، قايتا تەكشۈرۈش، 4- ئىيۇننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش، مەزكۇر ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەمما دىڭ زىلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق خەتتە ئالاھىدە پەرقلىق يېرى، ئۇلار قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن تيەنئەنمېن ئانىلىرى بىلەن روبىرو ھالدا دىئالوگ ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتىنى بەلگىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دىڭ زىلىن مۇنداق دېدى: " بۇ يىللىق ئوچۇق خېتىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولسا، بىز قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن بىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىز ھازىر سۆزلىشىشكە مۇھتاج. ھازىر دىئالوگ ئېلىپ بارىدىغان دەۋرىگە كەلدۇق."

تيەن چىلياۋ خانىم:" 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى خالايمەن"

تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە 1989- يىلى، ئوقۇغۇچىلار، پروفېسسورلار، ئىشچىلاردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچىلار قوشۇنى 15- ئاپرېلدىن 4- ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرغان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئاخىرىدا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار تيەنئەنمىن مە مەيدانىغا يىغىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.

نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەزكۇر ھەرىكەتنى باستۇرغان بولۇپ، خىتاي مەنبەلىرى بۇ ۋەقەدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى 200دىن 300گىچە دەپ كۆرسەتكەن، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە 400دىن 800گىچە دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بۇ ساننىڭ 2 مىڭدىن 3 مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ۋەقە ئۈستىدە توختالغان جۇڭگو ئىنفورماتسىيە مەركىزىدىكى تيەن چىلياۋ خانىم 4- ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى دېگەندىن كۆرە قىرغىنچىلىق دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق دېدى: "بىز 4- ئىيۇننى تىلغا ئالساق،سىز ھازىر ۋەقە دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىڭىز. بەك سىپايە بولدى. ئەمما مەن بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى خالايمەن".

دىڭ زىلىن خانىم: " نەچچە ئايغا قالمايلا قان پۇرىقى تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن بۇ زېمىندا ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدۇ"

شۇندىن ئېتىبارەن مەزكۇر ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆز ئاۋازىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش ۋەكىللىرىگە يوللانغان ئوچۇق خەت 1989- يىلى 4- ئىيۇندىكى باستۇرۇشتا 19 ياشلىق ئوغلىدىن ئايرىلغان سابىق پروفېسسور دىڭ زىلىن خانىم تەشكىللىگەن "تيەنئەنمېن ئانىلىرى" بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

دىڭ زىلىن خانىم مەزكۇر ئوچۇق خەت ئۈستىدە توختىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىلاپ ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلشتا ھەرگىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دىڭ زىلىن خانىم بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: " نەچچە ئايغا قالمايلا قان پۇرىقى تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن بۇ زېمىندا ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدۇ. مەنچە بۇ بىر پۇرسەت. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتايدىكى دېموكراتىيىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بولىدىغان دوستلار چوقۇم بۇ تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىشى كېرەك" دېدى.

تيەن چىلياۋ خانىم: "ئۇلار ئەپۇ سوراشنىمۇ خالىمايدۇ"

دىڭ زىلىن قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر ئىلتىجاسى ئۈستىدە توختالغان " تيەنئەنمېن ئانىلىرى" بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيايى ئۆزلىرىنىڭ دىڭ زىلىن خانىمنىڭ ئۇسۇلىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىر مۇشۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت چوقۇم باسمىسا بولمايدىغان تارىخقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ تيەنئەنمېن ئانىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەشتىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە شۇنداق قىلىشىدا ئۈمىدنىڭ ئانچە زور ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن جۇڭگو ئىنفورماتسىيە مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى تيەن چىلياۋ خانىم: "ئۇلار ئەپۇ سوراشنىمۇ خالىمايدۇ، تۆلەم تۆلەشنىمۇ خالىمايدۇ، ھەتتا بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جازالاشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا ئۇلار پۈتۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يۈزىنى تۆككەن بولۇپ قالىدۇ" دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخى ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كېلىشى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.