تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى كىتاپ نەشىر قىلىندى


2007.06.01

1989 ‏- يىلى 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە توپ- توغرا 18 يىل بولدى. 18 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل كونترول قىلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى 18 يىللىق خاتىرىلەش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئەينى چاغدىكى قانلىق ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋۇ رىنخۇئا ئەپەندى 89 ‏- يىلى 3 ‏- ئىيۇن كېچىسىدىن باشلاپ 4 ‏- ئىيۇن تاڭ سەھەرگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ،" قانغا بويالغان تيەنئەنمىن " ناملىق كىتاب نەشر قىلدى.

بۇندىن 18 يىل ئىلگىرى خىتايدا يۈز بەرگەن 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكى گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ۋۇ رېن خۇئا ئەپەندى يېقىندا " قانغا بويالغان تيەنئەنمىن " ناملىق كىتاب ئېلان قىلدى. مەزكۇر كىتابتا، 89 ‏- يىلى 3 ‏- ئىيۇن كېچىسىدىن باشلاپ 4 ‏- ئىيۇن تاڭ سەھەرگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن پۈتۈن ئەھۋال بىر -بىرلەپ ئاشكارىلانغان.

مەسىلەن، شۇ كېچىسى نەچچە ئون مىڭلىغان قۇراللىق ساقچىلارنىڭ تانكا بىلەن تيەنئەنمىن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى، تانكىلارنىڭ مەيداندا جىم-جىت ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق دەسسەپ بېسىپ ئۆتكەنلىكى،رەھىمسىز خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرالسىز ئوقۇغۇچىلارغا ۋەھشى ھالدا ئوق چىقارغانلىقى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇراللىق ساقچىلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئەسلىمە شەكىلدە بىر ‏- بىرلەپ تەسۋىرلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 4 ‏- ئىيۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل ھالدا كونترول قىلىپ كەلمەكتە

1989 ‏- يىلى 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن تا ھازىرغا قەدەر،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل ھالدا كونترول قىلىپ كەلگەن. ئۇلار خىتاينىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنى قەتئىي چەكلىگەن. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ مەزكۇر تارىخىي ۋەقەدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىغە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ " دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئانالىزچىلار يەنە" خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىگە دەسلەپتىكى سۇس كۆز قاراشتىن ھازىرقى ئېتىبارسىز قاراشقا ئۆتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەينى چاغدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. بولۇپمۇ ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 4 ‏- ئىيۇنغا ئائىت ھەرقانداق گەپ -سۆزنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىگە چىقىپ قېلىشىنى قاتتىق چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھەرقانداق خەۋەر بېرىشىگە يول قويماي كەلمەكتە. لېكىن ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتنى مەيلى قانچە يوشۇرسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.

" قانغا بويالغان تيەنئەنمىن" ناملىق كىتاپ تارىخى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىدى

300 مىڭ خەتلىك " قانغا بويالغان تيەنئەنمىن" ناملىق بۇ كىتاب ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە، مەزمۇن جەھەتتە ئەڭ تولۇق بولغان كىتاب بولۇپ، مەزكۇر تارىخى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلانغان. 89 ‏- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ دەن ئەپەندى مەزكۇر كىتابقا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە " خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تارىخنى بۇرمىلاپ، 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن. بىز ۋۇ رىنخۇئانىڭ بۇ كىتابىنى تارىخنى بۇرمىلاۋاتقان كوممۇنىست خىتايلىرىغا بولغان ئەڭ كۈچلۈك زەربە دەپ قارىساق بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى دېگىدەك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قايتا باھا بېرىشكە يەنى مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈندىمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھەر يىلقى باياناتتا 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكى شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئېنىق بىر مەلۇمات بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

" قانغا بويالغان تيەنئەنمىن" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋۇ رېنخۇئا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان " قانغا بويالغان تيەنئەنمىن" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋۇ رېنخۇئامۇ يىللاردىن بۇيان 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپ، ھەقىقەتتىن ئۆزىنى ئەپ قېچىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئاپتور سۆزىدە 4 ‏- ئىيۇن كۈنى تاڭ سەھەردىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: " 1989 ‏- يىلى تاڭ سەھەر سائەت 4 تىن باشلاپ، تيەنئەنمىن مەيدانىنى تازىلاش ھەرىكىتى رەسمىي باشلانغان. ئون نەچچە تانكا تيەنئەنمىننىڭ شىمالىي تەرىپىدىن كىرىپ مەيداننىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان جايغا قاراپ ماڭدى. تانكا خاتىرە مۇنارىسى تەرىپىدىن كەلگەن ئىدى، شۇ تاپتا، بىر ئوقۇغۇچى قولىدا بايراق، چېدىر ئۈستىگە چىقىپ، چېكىنىشنى رەت قىلغان ئىدى. تانكا بولسا، خۇددى ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ يوقتەك، ئۇدۇل كېلىپ، چېدىر ۋە ئادەمنى بېسىپ ئۆتتى. كەينىدىن كەلگەن تانكا 70 ‏-80 مېتىر كەڭلىكتىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ چېتىدە تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قارا باستۇرۇپ كەلدى. تانكىلار ھەتتا كەينىگە قايتىپ يول ئۈستىدىكى ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئېتىلغان. مەن شۇ چاغدا ئۆز كۆزۈم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلگىنىنى كۆردۈم. كىتابىمدا ھەتتا ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلار ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئىسىملىرىمۇ يېزىلغان."

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 89 ‏- يىلى يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن بۇيان، گەرچە بۇ 18 يىل ئىچىدە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ،خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يەنىلا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان، ئەكسىچە تېخىمۇ زور چېكىنىشلەر يۈز بەرگەن.

1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىدىن 18 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك زەربىلىرىگە ئۇچرىغان تاۋ جۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ، " كوممۇنىست خىتاي 18 يىلدىن بۇيان ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇپ، دۇنيا خەلقىنى ئالداپ كەلمەكتە. لېكىن ئۇلارنىڭ زاۋالى يېقىنلىشىپ قالدى، 4 ‏- ئىيۇندا قۇربان بولغان سەبداشلىرىمىزنىڭ قېنى ھەرگىزمۇ بىكار ئاقمايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ ئۇ قانلىق ۋەقەنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. كوممۇنىست خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئۆز جىنايىتىنى تونۇپ يېتىدىغان كۈن چوقۇپ يېتىپ كېلىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.