ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 18 - ۋە 19 - نويابىر كۈنلىرى " ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئاممىۋى ئۆكتىچىلىكلەر" تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسلىقى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋە ئاممىۋىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا يۇقارقى دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.
شۇنداقلا 19- نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇھاكىمە قىلىنغان ئاساسلىق تېما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا قانۇنسىز ھالدا باستۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان.
يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غولامىدىن پاختا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ