قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇئاۋىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
2005.04.27
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋەكىلى قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىنى زامىر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئاڭلاتتى.
مۇناۋىن مىنىستىر قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
©
2005 Radio Free Asia