خىتايلار تەبرىكلىمەكتە، ئۇيغۇرلار ماتەم تۇتماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئۇيغۇرلار ۋە كىشلىك ھوقۇق دېگەن تېمىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 يىلدىن بېرى يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا سىستېمىلىق بىر باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ -11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بېن كاردوس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.