0:00 / 0:00
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلتىيى بۈگۈن – 28 – ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى.
مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى" دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋاردىن ئاڭلاڭ.