ئىستانبۇلدا ئۈچ ئەپەندىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى
2005.06.13

12-ئىيۇن كۈنى تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۈچ ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
3 ئەپەندى، يەنى مەسۇت سابىر بايكۆزى، مەھمەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈف ئالپتەكىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 3 ئەپەندىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، سابىق مىنىستىرلار، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، كىرگىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى گېنېرال مۇھەممەت رىزا بېكىننىڭ ئېچىلش نۇتقى بىلەن باشلاندى. يىغىندا سۆزگە چىققانلار، مەسۇت سابىر بايكۆزى، مەھمەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىي تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدە توختالدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.