كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى


2007.09.13

WangLe--150.jpg
ۋاڭ لېچۇئەن، 2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە، "تېررورىزىم" غا قارشى سۆز قىلماقتا. AFP PHOTO

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭ يېقىندا ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 'دۈشمەن كۈچلەر' گە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە، مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن مەرھۇم زۇنۇن قادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى 'مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى، ئەكسىيەتچى دىنى كۈچلەرگە زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتكەنلىكىنى تەنقىدلىدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 'دۈشمەن كۈچلەر' گە قاتتىق زەربە بېرىشنى دېگەن ھەرىكەتنى يەنە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۈچ خىل كۈچ' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى توغرىسىدا، رابىيە خانىم كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.