ئىسمائىل تىلىۋالدى "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى تەكىتلىدى
2006.01.17
ئىسمائىل تىلىۋالدى يىغىندا بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى 3 يەردە تىلغا ئېلىپ، بۇ خىزمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆزىدە، "تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكال كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغدايلى" دېدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق ۋە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولغان يېڭى خىلدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
"ئۈچ خىل كۈچ" ۋە مۇقۇمسىزلىقنىڭ ئامىلى
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرۇلتاينىڭ ۋە ئۇلار سايلاپ چىققان ئۇيغۇر ئېلىدىكى رەھبەرلەرنىڭ پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دىلشات رىشىت يەنە ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش" توغرىسىدىكى بايانلىرىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان دەل خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور مىقداردا ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىشىنىڭ، مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى دوكلاتىدا، "3 خىل كۈچلەر" گە يۇقىرى بېسىمدا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، "دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى، ئىنتېرنېت ۋە دىندىن پايدىلىنىپ، سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك ھەمدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز كېرەك" دەپ بىلدۈردى.
تەتىلدىمۇ ئاراملىق يوق
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى "3خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن يەنە، بۇ سىياسىي ئىدىيىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-يېزىلىرىغىچە ئاڭلاتماقتا. بىزنىڭ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر تەتىل مەزگىلىدىمۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" قا ئوخشاش سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ خىلدىكى سىياسىي ئۆگىنىشتىن بىزار بولغان، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامال يوق بولغاچقا، تەتىللىك مەزگىلىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەركەز چىقارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت بەلگىلىمىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بەشتە كاپالەتلىك قىلغۇچى كادىرلار ئايكۆل يېزىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ج خ ئورگانلىرى "ئاكتىپ" خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى
- مۇتەخەسسىسلەر "ئۈچ خىل كۈچ" ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى قايتا باشلىدى
- تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزىگە ئىنكاسى