"ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىمۇ؟


2006.01.18

ئىسمائىل تىلىۋالدى ئېيتقاندەك "كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى" مۇ؟

1- ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي كومپارتىيىسى تاللاپ بېكىتكەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن ھەم بىر قاتار چارە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمائىل تىلىۋالدى " كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، داۋاملىق تۈردە مىللىي ئىتتىپاقلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىپ، باراۋەر ، ئىتتىپاق ، ئۆز-ئارا ياردەمدە بولىدىغان ۋە ماسلاشقان يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى" دەپ سۆزلىگەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ سۆزى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ "شىنجاڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ" دېگەن ئىبارىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.