ۋاڭ لېچۈەن "‏ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى


2006-05-15
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن شەنبە كۈنى رايوندىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنى يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۈچ خىل كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىردى. گەرچە ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ ‏ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ئاۋازى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ

ۋاڭ لېچۈەن بۇ قېتىم سۆزىدە، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۇقىرى ھوشيارلىق بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ "مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت" دېگەن سۆزى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل كۈچگە زەربە بېرىشنى تەكرار تەكىتلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

سىدىقھاجى روزى ئەپەندى خىتاينىڭ يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق ئاماللىلارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر مەسىلىسى بارغانسېرى خەلقئارالىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇەنتانامودىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينى ئويغا سالدى

تېخى يېقىندا گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تېررورچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى ھەمدە ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىدىن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

سىدىقھاجى روزى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇب بولۇشىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل كۈچگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىل ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ لېچۈەن ئۈچ خىل كۈچگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن بۇ يىغىندا يەنە، ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىمۇ سۆز قىلىپ، "شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك " دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىدىقھاجى روزى ۋە دىلشات رىشىت ئەپەندى ھەر ئىككىلىسى، نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت