ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئىسمايىل تىلىۋالدى "3 خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى
2006.06.26
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا "3 خىل كۈچلەر" گە زەبەر بېرىشنى قايتا تەكىتلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە يۇقىرى ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەكرارلىدى.
ۋاڭ لېچۈەن بۇ قېتىممۇ ئاۋالقىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىنى ئالدىنئالا كۆزىتىش ۋە يۇقىرى ھوشيارلىقنى ساقلاش ھالىتىنى داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش يولىنى تۇتۇپ، قاتتىق باستۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش ۋە مەسىلىنى بىخ چىقىرىش مەزگىلىدە بىر تەرەپ قىلىپ، بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنى يىلتىزىدىن تارمار قىلىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ يولدىكى ھەمكارلىقنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆچەيتىشى تەكىتلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان بۇ 3 خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپمۇ؟
كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر گەۋدىسى
بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى بىلەن خەلقئارادا ئەيىبلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ 3 خىل كۈچلەر ھەققىدىكى قارارنى ئېلىشىدا خەلقئارا قانۇنلار نەزەردە تۇتۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۆتۈرۈپ چىققان بۇ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نەزەرىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلىرىدا كۆپ تەكىتلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا بۇ يەردىكى ھەر قايسى مەكتەپ ئورۇنلىرىدىمۇ مەخسۇس 3 خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيە ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈپ، بۆلگۈنچى ئىدىيە شەكىللىنىشتىن ساقلىنىش تەربىيىلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىلى ئابدۇراخمان ئەلى 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن تەڭ، بۇنىڭ قاتارىدا بۆلگۈنچى ئىدىيىنى سىڭدۈرگەن ئۇيغۇرچە نەشر بويۇملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگىمۇ زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش دائىرىسى كېڭەيمەكتە
بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇپلا قالماي، ئەمدى ھازىر ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە ئەدەبىياتىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ھەتتا بۇ يولدىكى زەربىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئەركىن ئەپەندى بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خەلقئارادىن خىتايغا كېلىدىغان بۇ ھەقتىكى بېسىمنىڭ كۈنسېرى ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى كۆرىشىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ھازىر 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ چەتئەلدىكى دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى توساش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى
- ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ؟
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان دوكلاتىغا ئىنكاس
- "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىمۇ؟
- ئىسمائىل تىلىۋالدى "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى تەكىتلىدى
- بەشتە كاپالەتلىك قىلغۇچى كادىرلار ئايكۆل يېزىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ج خ ئورگانلىرى "ئاكتىپ" خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى
- قەھرىمان غوجامبەردى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- مۇتەخەسسىسلەر "ئۈچ خىل كۈچ" ھەققىدە توختالدى