خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى كۈچەيتمەكتە


2006.10.24
namaz-heytgah-150.jpg
15 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدە ئىمامغا قۇلاق سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 18 – ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئىي قىلىپ، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈكرەك ئۇيغۇرلارنى "دىنىي ئەسەبىيلەر" دەپ ئەيىبلەپ، جازالىماقتا. AFP

ئۈرۈمچىدە ‏19 - ئۆكتەبىردىن 24 ¬- ئۆكتەبىرگىچە بەش كۈن داۋاملاشقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى داۋامىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس سۆزلىدى.

ۋاڭ لېچۇئەن بايانىدا "بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشتا زور نەتىجە ھاسىل بولدى، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ، دىنىي رادىكالىزمچىلارنىڭ باشچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردۇق. بىز ھازىرقىدەك مۇرەككەپ خەلقارا سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا شىنجاڭدا ئۈچ خىل كۈچلەرنى باستۇرۇشىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىشىمىز زۆرۈر" دېگەن.

"سىتېرېئولۇق قالقان"

"سىتېرېئولۇق قالقان" ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭدا رادىئو تېلېۋىزىيىنى ھەر بىر يېزا كەنت، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەمدە چەتئەل رادىئو دولقۇنلىرىنى بۇزۇش ئىستانسىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ ھاۋا دولقۇنلىرى ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىتېرېئولۇق قالقان قۇرۇلدى " دەپ سۆزلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونتورۇل كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە چەتئەل رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىستانسىسىلىرىنى كۆپلەپ قۇرغاندىن باشقا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى مەخسۇس كۆزىتىش ئاخبارات ھەمدە خادىملىرى بىلەن قاتتىق كونتورل قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى، سۆز ئەركىنلىكى، ئىنسان ھوقۇقى ھەمدە دېمۇكىراتىئويىگە قارشى ھەركەت قىلماقتا

خىتاي 23 - ئۆكتەبىر كۈنى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن 158 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى بوغۇلغان ئەڭ ناچار دۆلەتنىڭ بىرى دەپ باھالانغان ئىدى. ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا قىلغان يۇقىرىقى بايانلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قانچىلىك دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى" دەپ قارالماقتا.

شۇنداقلا ئۇنىڭ بەش يىل جەريانىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە زەربە قازاندۇق، دەپ تەشۋىق يۈرگۈزۈشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە قارشى ئىنكاسلارنى قوزغىدى: يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى" دەپ تۆھمەت ئارتىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ۋاڭلېچۇئەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تەرققىياتىغا قارشى يۆنىلىشتە، سۆز ئەركىنلىكى ئىنسان ھوقۇقى ھەمدە دېموكراتىيىگە قارشى ھەركەت قىلماقتا"، دېگەندەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى:

ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش سىياسىتى ئەكسىچە خەلقئارادا ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنى كۈچلەندۈرمەكتە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قەدەممۇ قەدەم تۈرلۈك نام ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، خەلقرا جەمئىيەتكە ئەركىنلىك ئارزۇسى بار ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى ھەتتا تېررورچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، پەقەت نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بارغانچە خەلقارانىڭ دىققەت ئېتىۋارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات ئەپەندى يەنە گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى داۋامىدا ھېسابسىز قۇربانلار بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى باستۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.