خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، رادىئو- تېلېۋىزىيىدىن ھوزۇر ئالالامدۇ؟
2005.03.09
ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر ئىپتىدائىي تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ئاساسىي نوپوسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان جايلارنىڭ نوپوسىنى يەنىلا نامرات دېھقانلار ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئۆلچەمسىز سۇ ئىستىمال قىلىدۇ، توكسىز قاراڭغۇلىقتا ياشايدۇ بۇنداق تۇرمۇش شارائىتىدا ئۇلارغا رادىئو -تېلېۋىزىيىلەرنىڭ يېتىپ بېرىشىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئاق تاشلىق كىتابتا خاتىرىلەنگىنى
سەيشەنبە خەۋەر بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دەۋرىمىزدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسى تېخىچە تېلېۋىزور كۆرەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى نامرات يېزا - كەنتلەرگە رادىئو تېلىۋېزىنى تورلاشتۇرۇش پىلانىنى 1998 - يىلىدىن باشلىغانلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر بۇ جايلاردا رادىئو - تېلېۋىزىنى كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسەن ئەمەلىلەشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەردە تېلېۋېزور ۋە رادىئو يوق
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە رادىئو - تېلېۋىزىنىڭ ئومۇملىشىشى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بېتىدە 9 - مارت بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات يېزىلىرىدا ھازىرغا قەدەر بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ رادىئو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمى نوپوسىنىڭ 8٪نى ئىگىلەيدىكەن. خەۋەردە ھازىرغىچە رادىئو -تېلىۋېزىيە ئومۇملاشمىغان جايلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ھەم قىشلاقلار ئىكەنلىكى دىيىلگەن.
خەۋەردە كۆرسۈتىلىشىچە بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا رادىئو - تېلېۋىزىيىنى كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمەت يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ پىلان بويىچە ھەر قايسى نامرات يېزىلارغا تېلېۋىزور يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى نامرات يېزا - كەنتلەرگە قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم كەنتىگە تېلېفون قىلغىنىمزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئايال، ئۆز يېزىسىدا كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانلىقىنى، تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان ئائىلىلەرنىڭ بولسا 30٪نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن تەۋەلىكى نامرات يېزا ھەم ناھىيىلەر ئەڭ كۆپ بولغان بىر جاي ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ گۇما، قارىقاش، لوپ ناھىيىلىرىدىكى كۆپ سانلىق يېزىلارنىڭ توك ھەم سۇ مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە تەل- تۆكۈس ھەل بولغىنى يوق.
بىرمۇ ئائىلىدە رەڭلىك تېلېۋىزور يوق
بىز بۇ جايلاردا رادىئو- تېلېۋىزىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، گۇمىنىڭ مەلۇم چەت يىراق بىر يېزىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. تېلېفوننى ئالغان بىر ياش دېھقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېزىغا يېقىندا تېلېۋىزور ئېلىپ كەلگەنلىكى، بۇ جايدا ھازىرغىچە بىرمۇ ئائىلىدە رەڭلىك تېلېۋىزور يوقلىقىنى، بەزى تېلېۋىزورى بار ئائىلىلەر بولسىمۇ، ئۇلار توك پۇلىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بەرىبىر تېلېۋىزور كۆرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە رادىئو - تېلېۋىزىيىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلىشى، توك تورلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى، سۇ تۇربا قۇرۇلىشى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇنداق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، پەقەت يۇقىرىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈزەكى ئېلىپ بېرىلغىنى بىلەن، خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، بەرىبىر بۇ خىل زامانىۋىي ئەسلەھەلەردىن پايدىلىنالىشى مۈمكىن بومىغاچقا، ئۇلار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز لىرى ھەممىدىن مۇھتاج بولغان تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئەمىلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تېلېۋىزور كۆرەلمەيدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىن خىتايغا يىتىپ كىلىدىغان رادىئو پروگىراممىلارنى توسۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
- خىتايدا 80 مىليوندىن ئارتۇق خەلق تېلېۋىزورسىز ياشىماقتا
- دېھقانلارغا بېرىشكە تېگىشلىك يەر تۆلىمى نىسى قالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى كىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ؟