خەلق ئىچىدە ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققى قىلغانسېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپى نازارەت قىلىشى شۇنچە كۈچەيتىلمەكتە


2006-08-21
Share

خىتاي ئۇچۇر سانائىتى مىنىستىرلىكىنىڭ 8 ‏- ئاينىڭ21 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 7 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر تىزىمغا ئېلىنغان تېلېفون خېرىدارى 798 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇقىم تېلېفون سانى 366 مىليون، ھەرىكەتچان تېلېفون )يانفون( سانى 431 مىليون. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تېلېفون بازىرى يېزىلارغا كېڭەيگەن. ھازىر مەملىكەت بۇيىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28 ئادەمدە بىر مۇقىم تېلېفون بار ياكى 32 ئادەمدە بىر يانفون بار. ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش پونكىتلىرى يېقىندا يانفون ئارقىلىق يوللانغان ئۇچۇر سانىلا 238 مىليارد 500 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

خىتاي دائىرىلىرى نازارەتنى كۈقەيتمەكتە

'ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ غەرب تەرەپتىكى مەخپى ئاڭلاش پونكىتلىرى ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارا تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئېلىكترونلۇق خەت-چەكلەرنى پىلتىرلاپ ئاخبارات توپلاشنى كۈچەيتىلمەكتە. خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇشۇرۇن ئاڭلاۋاتقانلىقىنى 'گوگول تور بېتى 'دىكى سۈنئى ھەمراھتىن قوبۇللانغان رەسىملەر ئارقىلىق ئېنىق بىلىۋالغان. ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قارىتا قانداق ۋاستە قوللىنىۋاتقانلىقى ھازىر بىر سىر ئەمەس.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى باشقۇرۇۋاتقان مەخپى ئاڭلاش پونكىتلىرى جايلاردا ئېلىكترونلۇق سىگناللارنى ئاڭلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى كومپيۇتېرلار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇلۇۋاتقان ئېلىكترونلۇق خەت-چەكلەرنىمۇ توسۇۋېلىپ ئۇنىڭدىن ئاخبارات توپلىماقتا. خىتاينىڭ مەخپى ئاڭلاش پونكىتلىرى ئادەتتە چىنە تاۋاق شەكىللىك چوڭ ئانتىنىلاردىن ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك كومپيۇتېر ۋە تىجارەتتە قوللىنىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى پىلتىرلاپ ئاخبارات توپلايتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 ‏- يىلى غەربىي شىمالدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرىدە بىر مەخپى ئاڭلاش پونكىتى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۈنئى ھەمراھتىن بىۋاستە قوبۇللايدىغان ئانتىنىلارنى ئورناتتى. بۇ پونكىت خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە باش شىتابى3 ‏- بۆلۈمىنىڭ 12 ‏- ئىدارىسى باشقۇرىدىغان سۈنئى ھەمراھغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇ سىستېما قۇرۇلغاندىن باشلاپلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلارنى پىلتىرلاپ مەخپى ئاڭلاپ سىمغا ئېلىپ تۇردى.

ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققى قىلغانسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپى نازارەت قىلىشى شۇنچە كۈچەيتىلىشكە باشلىدى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يەنە بىر مەخپى ئاڭلاش پونكىتى گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ چېگرىسىدىكى سۇلېخې دېگەن جايدا . يەنە بىرى قەشقەردە. خىتاينىڭ قەشقەردىكى مەخپى ئاڭلاش پونكىتى 1991 ‏- يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توسۇپ مەخپى ئاڭلاشقا باشلىغان پونكىت ئىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، " تالېنت-كېيخول. كوم " دېگەن تور بېتىنىڭ سۈنئى ھەمراھتىن قوبۇللىغان رەسىملەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسى بوراۋن ئەپەندى 'ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى'گە 'خىتاينىڭ يۇقىرقى مەخپى ئاڭلاش پونكىتلىرى ياۋروپا بىلەن ئاسىيا دائىرىسىدە خەلق ئىچىدىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى مەخپى توسۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق ھەربى مەقسەت ئۈچۈن ئاخبارات توپلايدۇ. ھازىر خەلق ئىچىدە ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققى قىلغانسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپى نازارەت قىلىشى شۇنچە كۈچەيتىلىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە مەخپى ھەرىكەت قىلسىمۇ، ئەمما خەلق ھازىر ئۇنىڭ سىرىنى يەنىلا ئېنىق بىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى' دېگەن.

'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ 21 ‏- ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ 100 دىن ئارتۇق ئىنتېرنېت تور بېتىنى كىنو -ئىتوت، ناخشا- مۇزىكىلارنى تورغا رۇخسەتسىز قويۇپ، 'نەشرىيات ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى' دېگەن نام بىلەن تاقىۋەتكەن. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ماتېرىيالنى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز تورغا قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ھازىر بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق خەلق ئىچىدىكى ئەركىن پىكىرلەر قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا.

'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يېقىندىن بۇيان 'قاراڭغۇ جەمئىيەت كۈچلىرىگە زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، جاڭسۇ، جېجاڭ، گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئىقتىساد تەرەققى قىلغان رايونلارغا بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، بىر ساقچى پونكىتى 2005 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا بىر ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇۋېلىپ سوراق قىلغان ھامان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز -ئارا ئۇچۇر ئالاقىسى ناھايىتى تىز بولغاچقا، بىردەمدىلا 40 نەچچە ئۇيغۇر توپلىنىپ بۇ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان ئىكەن. ھازىر شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆللىكلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا 'قاراڭغۇ جەمئىيەت كىشىلىرىگە زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن قاتتق زەربە بېرىشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇچۇر -ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ساقچىلارغا تاقابىل تۇرماقتا. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت