زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
2007.08.31
يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە، پۈتۈن دۇنيادا دېموكراتىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، چىرىكلىككە زەربە بېرىش مەقسىتىدە، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى ئەركىن كۆرۈپ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىدىغان يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، ھازىر 70 تىن ئاشتى.
'ئامېرىكا پايدىلىنىش خەۋەرلىرى' ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئېرك گىرىن ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇر ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى تەشكىلاتى 2002 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۇنيادا تېز ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى' ناملىق بىر تور بېتى ئاچقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەرىكەتنى دەرھال قوللاپ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىنى ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادا خاتىرىلىنىدىغان 'خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى كۈنى' قىلىشنى بەلگىلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارادا تەدرىجى ھالدا كۈنتەرتىپكە كىرگەن دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەرىكەتلىرى، ھەر قايسى جايلاردا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. بۇ جەرياندا، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن مەخسۇس 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' ماقۇللاپ، ئۇنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە.
ئامېرىكىدا ماقۇللانغان 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' بۇنىڭدىن 200 يىل بۇرۇن شىۋېتسىيىدە تۈزۈلگەن قانۇنىي ماددىلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' ئامېرىكىدا 1966 - يىلى ماقۇللانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىدا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ھەر قانداق مەمۇرىي ئارخىپنى ۋە ياكى شەخسىيلەر ئارخىپىنى ھەر قانداق دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئەركىن كۆرۈشىگە يول قويۇلىدىغان بولدى. ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شتاتلاردىمۇ بۇ قانۇن تەدرىجى ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت مەخپىي ئارخىپلىرى مەسلىھەتچىسى مېرىدىس فۇكىس خانىمنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا ماقۇللانغان 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' بۇنىڭدىن 200 يىل بۇرۇن شىۋېتسىيىدە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇنىي ماددىلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ئارقىلىق چىرىكلىشىشتىن ساقلانغان ئىدى.
ئامېرىكىدا شۇ قانۇن ئاساسىدا تۈزۈلگەن 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' يېقىنقى يىللاردا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2006 - يىلى ئامېرىكا قىتئەسىدە يۈز بەرگەن بىر چوڭ دېلو - ئورمان كېسىش دېلوسى بىرتەرەپ قىلىنغاندا، چىلى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا تۈزۈلگەن 'ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى' غا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، بۇ دېلوغا چېتىلغان ئۈچ نەپەر مۇھىت ئاسراش خادىمىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەرەپتە تۇردى. بۇ ھەرىكەت دۇنيادا يەنە بىر يېڭى ئۈلگە بولۇپ قالدى.
2007 - يىلى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئارخىپ كۆرۈش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2007 - يىلىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنىنى تولۇقلايدىغان يەنە بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئارخىپ كۆرۈش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلار بۇيىچە ئىز قوغلاپ ئارخىپ ئاختۇرىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا تەبىئىي پەن ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ستىۋېن ئافتېرگود ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دېموكراتىيە ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانات يېيىشقا باشلىغاندىن كېيىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئاسانلاشتى. ئامېرىكىدا بۇرۇن دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ قارىلىدىغان 9 خىل مەخپىي ئارخىپ دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاشكارا ئۇچۇرغا ئايلاندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 مىليارد يۇەن سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن 630- نومۇرلۇق ئەركىن ئۇچۇرلارنى چەكلەش قۇرۇلۇشى
ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تېلېۋىزىيە -رادىئو سېستىمىسىغا ئەركىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ پروگراممىلىرى توساتتىن كىرىپ قالىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ تۇرغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان ئىدى. رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭ ئارقىلىق ئېنىقلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 مىليارد يۇەن پۇل سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن 630- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش دېگەن پىلان يېقىندا ئىشقا كىرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلان بۇيىچە، ئۆزىنىڭ 236 تۈرلۈك تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ۋە 108 تۈرلۈك رادىئو نومۇرلىرىنى، كونا ئۇچۇر سۈنئىي ھەمراسىدىن يۆتكەپ، ئۆزى يېقىندا يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن ئىككى سۈنئىي ھەمراسى ئارقىلىق تارقىتىىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بۇ ئىككى چوڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلاردا، پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاۋازىلا چىقىدىغان بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق يەنە ئەركىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەتكە قاقتى.
خۇ جىنتاۋ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي خەلقى ئىچىدە ئەۋج ئېلىشىنى شۇ قەدەر زور كۈچ بىلەن توسايدۇ؟ ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش زاۋاللىققا يۈز تۇتقان مۇستەبىتلەر ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سىزىقى. زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بىر تەتۈر ئېقىم. ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەرىكەتلىرى پات ئارىدا خۇ جىنتاۋنىڭ توساقلىرىنىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكىدا كوممۇنىستىك تۇزۇم قۇربانلىرىغا خاتىرە ئابىدىسى تىكلەندى
- پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت
- بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان
- غەرب دۆلەتلىرى نىمىشقا خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالىمايدۇ؟