خىتاينىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى دۇنيا جامائىتىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا


2007.11.30

JournalistQuestioned-200.jpg
2007 - يىلى 7 - ئاۋغۇست كۈنى، بېيجىڭدا، خىتاي ساقچىلىرى ژورنالىستلارنى سوراق قىلماقتا. AFP Photo

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە 2007 - يىلى 1- ئايدىن باشلاپ، ئولىمپىك جەريانىدا ئاخبارات ساھەسىگە ئەركىنلىك بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر يەنىلا خىتاي ئىچىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىشىدەك ۋەقەلەر سادىر بولۇپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن زىيارىتىنى يەنىلا قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپلا قالماي نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ئۇچرىماقتا. گوللاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق مۇئامىلىسىگە ھەم توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان، مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باش تەھرىرى خېندىرىكس ئەپەندى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس "دەپ بىلدۈردى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە قالدى

2008 - يىللىق دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، خىتايغا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت بېرىلىشى ھازىرغا قەدەر ئىختىلاپ ھەم مۇنازىرىلەر ئەڭ كۆپ بولۇۋاتقان مەسىلىدۇر، ئولىمپىك يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئەركىنلىك بېرىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى قىلغان ۋەدىلىرىدىن، دۇنيا جامائىتى يەنىلا ئۈمىد كۈتۈپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دۇنيا جامائىتىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە، 28 مىڭ چەتئەللىك مۇخبىر خىتايغا كىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر تەخمىنەن 12 مىڭ مۇخبىر ئولىمپىك مەيدانىغا كىرىپ زىيارەت قىلىش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس سۇنغان. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تىزىملاش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەسىس قىلغان، ئۇلار مۇخبىرلارنى " دوستانە بولمىغان مۇخبىرلار " ۋە " دوستانە مۇخبىرلار " دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلغان.

بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنى زىيارەت قىلىشقا ئىلتىماس سۇنغان چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈستىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىكەن.

مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىسى بۇيىچە باياناتچىسى بوسېيېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دېموكرات بىر دۆلەت ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ داۋاملىق ھەر خىل چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىتلەيدىغان مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق كۆرسىتىشى، نۆۋەتتە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەن.

6 - نويابىردا، نيۇيوركقا جايلاشقان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" كۈنىدە چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئەركىن ھالدا ئاخبارات ئىگىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەم شۇ ھەقتە بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھازىرغا كەلگۈچە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بوغۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدە يۈز بېرىۋاتقان نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئالدىنقى ئايدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىمۇ، ئۆكتىچى كۈچلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەرزىيەتچىلەرنىڭ بېيجىڭغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قارىماققا تىنچ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تۇيغۇنى سىرتقى دۇنياغا كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

مەركىزى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قەدەر مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى، دەپ تەنقىد قىلدى.مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن روبېرت مېنارد، فېرناندو كاستىللو، رۇبىنا مۆخرىڭ، ۋىنسېنت بروسسېللار ئولىمپىكنىڭ 5 ھالقسىمان سىمۋولى ئورنىغا 5 كويزىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى مۇخبىرلار، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى ۋە پىكىر ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

جۈمە كۈنى مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا تۇتقان ئەسەبىي مۇئامىلىسىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاكس روگېغا يازغان خېتىدە "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مىڭلارچە مۇخبىرنى بىر تەرەپ قىلىش پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر كىشىنى "بىئارام قىلىدىغان خەۋەرلەر" ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى روبېرت مېنارد، " شۇ نەرسە ناھايىتى ئايدىڭكى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ۋە ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنى يېقىندىن كونترول قىلىش قارارىغا كەلگەن " دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىلنىڭ باشلىرى بەزى مەتبۇئاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت خەۋەر بېرىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتقانلىقى خەلقئارا ئاخبارات ئورۇنلىرى ھەم مۇخبىرلارنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا

خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن 15 ھەپتە ئىچىدە خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرى 18 قېتىم يۈز بەرگەن.

ئىلگىرى خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، گوللاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسى cpro نىڭ بىر نەپەر مۇخبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە گوللاندىيە مۇخبىرلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئۈچۈن بارغاندا، ئۇلارنىڭ زىيارەت پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇئامىلە بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئارىدا بىر مۇخبىر تۇتۇپ قېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ مۇخبىر گوللاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسىنىڭ ئەۋەتكەن مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ گوللاندىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش جەريانى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان. بىز گوللاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسى باش تەھرىرى گ. خېندىركسنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۆز مۇخبىرىنىڭ ساق ‏- سالامەت گوللاندىيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خاتىرجەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇنچە خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

‏-مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرلار دۆلىتىدە گەرچە خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر ھالدا ساق قايتىپ كەلگىنىدىن مەمنۇنمەن. نۆۋەتتە مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ياكى خىتايدا ئىختىيارى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغاندىن سىرت ئىنتايىن خەتەرلىك. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە، ساقچىلارنىڭ ھەتتا مۇخبىرىمىزنى ۋاقىتلىق قولغا ئالغىنى ھەددىدىن ئاشقان بىر قىلمىش.

خېندىرىكس ئەپەندى يەنە گوللاندىيىدىن خىتايغا ئەۋەتىلگەن باشقا مۇخبىرلاردىنمۇ داۋاملىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: "نۆۋەتتە گوللاندىيىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بېيجىڭ ھەم شاڭخەيگە ئوخشاش جايلاردا تۇرۇۋاتقان 15 تىن 20 گىچە مۇخبىرلار بار، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ بەلگىلىك چەكلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتچىلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى چۈشەنمەك تەس، كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنى رۇخسەتسىز ساياھەت قىلىش ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغان كىشىلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىلىمە 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋەھالەنكى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر مۇخبىرى بىلەن يەنە بىر ئامېرىكا مۇخبىرىغا بۇ يىل 4 - ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت بەلگىلىمىدىكى رايونلارغا كىرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.