ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)

0:00 / 0:00

ھەرقايسى ئەللەردىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەپ، خىتايغا قارىتا بېسىملارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى تېخىمۇ، بارغانسېرى يامانلىشىپ بارماقتا.

بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ تارىختىكى ھەر قانداق بىر زامانغا سېلىشتۇرغاندا، مىسلىسىز ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولغانلىقىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك تەكىتلەشمەكتە. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى خەلق نەشرىياتىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ھازىر گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھرىدە خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.