خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتمەكتە
2007.12.26
بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، چەتئەللىكلەر بىلەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا بىر مۈددەت تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئىشلىرى ئىنتايىن قېيىن ۋە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ سىرتقا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋىتىش سىياسىتىگە قىلچە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. بىراق بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، "چەتئەللىكلەرگە قارىتا تىزىملاش ھەمدە رەسمىيەت تەكشۈرۈش ناھايىتى نورمال بىر ئىش" دەپ بىلدۈرمەكتە.
چەتئەللىك مۇخبىرلار، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزلىرى يولۇقىۋاتقان قېيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى
25 - دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر چەتئەللىك مۇخبىر، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئەدىلىيە ساقچىلىرىنىڭ داۋاملىق چەتئەللىك مۇخبىرلار تۇرۇشلۇق جايلارغا باستۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىنى تەكشۈرىدىغان شۇنىڭدەك يەنە چەتئەللىك مۇخبىرلار، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ خىتايغا كېلىپ 24 سائەت ئىچىدە ھەر قايسى ساقچى پونكىتلىرىدا تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىش ئەھۋاللىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇخبىرلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالىدىغان بۇ خىل رەسمىيەتلەرنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى.
چەتئەللىك مۇخبىر يەنە مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان" : كېلەر يىلى خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغىنىغا 30 يىل توشىدۇ، ئولىمپىك مۇراسىمىمۇ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا مۇشۇنداق بىر زور ۋەزىيەت ئاستىدا چەتئەللىكلەرگە قارىتا تۈرلۈك قائىدە ۋە مىزانلارنى يولغا قويىدۇ؟"
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىپ" : جۇڭگودىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ نوپۇسقا تىزىملىتىش بىلەن رەسمىيەت تەكشۈرۈشىنىڭ مەقسىدى جەمئىيەت تۈزۈمى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن ' نورمال بىر ھەرىكەت'،" دېگەن.
سىىنگاپورلۇق بىر مۇخبىر " : مۇخبىرلار، جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويالىغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ، ھەقىقەتەن مۇخبىرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،" دېگەن.
يەنە بىر قىسىم مۇخبىرلار: "مۇخبىرلارنى تىزىملاش ھەرىكىتى ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان قېيىنچىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقى، قانۇن بۇيىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك، خىتايدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىدارە - ئورگانلار چەتئەللىك مۇخبىرلار، چەتئەللەرنىڭ خىتايدا مۇقىم تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئىزچىل ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرىدۇ
مۇخبىرلارنىڭ بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئەمەلىيەت بولۇپ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا "2007 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى تىزىملىكى" نى ئېلان قىلىپ، 169 دۆلەتنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاينىڭ 163 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەدىلەرنىڭ بىرىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان.
بۇنىڭدىن سىرت، چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندىمۇ، خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 95 پىرسەنت مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بېرىش مۇھىتى خەلقئارا ئۆلچەمدىن ناھايىتى يىراق بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ زىيارەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىدە تۇرمىغان.
چەتئەللىك مۇخبىرلار يەنە، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇغدۇرۇلغان ھەر خىل كاشىلىلارغا يولۇققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش، ئارقىغا چۈشۈش، سولاپ قويۇش، ھەتتا ھۇجۇمغا ئۇچراشقا ئوخشاش خەتەرلەرگە يولۇققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىنىڭ رەئىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا پۇقرالار چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشتىنمۇ ئەيمىنىدىكەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە " : خىتايدا كىشىلەر چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى ئەندىكىش ئىچىدە قايمۇقىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، ھەتتا زىيانكەشلىككە يولۇققان ئادەملەرمۇ بار، شۇڭا بىز بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز،" دېدى.
چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بېرىشتا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، مەسىلەن 4 - ئىيۇل تيەنئەنمىن ۋەقەسى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەسىلىلەر شۇنىڭدەك ئۇلارنى زىيارەت قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان. مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلىشتىمۇ ناھايىتى قېيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئۆز مۇخبىرلىرىغا قاراتقان كونتروللۇقىنى بولسا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)
- زورىيىۋاتقان خىتاي ئاخباراتى ۋە سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان چەت ئەل خەۋەرلىرى
- 16 - قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى
- خىتاينىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى دۇنيا جامائىتىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا
- گوللاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەتەرلىك سەپىرى
- خىتاي مۇخبىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- ئەنۋەرجان مۇھەممەد خۇجىنتاۋنى قارشى ئالغىلى چىققانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى تازا بوغۇلۇۋاتقان مىنۇتلاردا " مۇخبىرلار بايرىمى" تەبرىكلەندى
- خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟
- زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
- " قەدىمكى گرېكلار 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"