ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
2007.12.27
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى پائالىيەتلىرىدە، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىگە ئەركىنلىك تىلەپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى مەسىلىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي نامىنى ۋە ۋەتىنىنىڭ تارىخى نامىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ قەپەزدىكى قۇشقا ئوخشاش بىچارىلىق تەقدىرىگە مەھكۇم بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكى بوغۇلۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نەشر ئەپكارلىرىنىڭ تاقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە دىنىي ۋە تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۇرمۇھەممەد ياسىن، توختى موزارت، ئابدۇغېنى مەمتىمىنگە ئوخشاش قانچىلىغان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى توغرىسىدا خىتايغا ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- كانادادا ئۇيغۇرلار سۈكۈتتە تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- زورىيىۋاتقان خىتاي ئاخباراتى ۋە سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان چەت ئەل خەۋەرلىرى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە خاتىرلىدى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى