ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى


2007.08.02

خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەرباپلارنىڭ نەزىرىدە بىر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر مەسىلىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي - ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى كۆزىتىش كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر كونترولى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلە ھىساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى

ئامېرىكا - خىتاي بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى كۆزىتىش كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ئەلسېي خەستىڭس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترولى نىمىشقا ئامېرىكا ئۈچۈن بىر دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. خەستىڭسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كونترول قىلىۋاتىدۇ. يازما مەتبۇئاتلار يەنى گېزىت - ژورناللارنى كونترول قىلىپلا قالماي، تۈرلۈك ۋاستىلار بىلەن ئىنتېرنېتنى تىزگېنلىمەكتە. بۇ چەكلىمە قارشى ئېقىمدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى يەكلەشكە قارىتىلغانلا ئەمەس، بەلكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ناھايىتى سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتماقتا.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترولى ئامېرىكىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترولى ۋە ئۇچۇر ماناپولىيىسى خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتايلاردا ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. يېقىنقى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پۇقرالىرىدا ئامېرىكىنى دۇنيانىڭ زومىگىرى، دەيدىغان قاراش ناھايىتى ئومۇملاشقان" دەپ كۆرسەتتى.

خەستىڭسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر كونترولى ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى راستنى يوشۇرۇش ۋە قورقۇتۇش مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى. تارىخ بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى ، بىر جەمئىيەت راستنى يوشۇرۇش ۋە يالغان سۆزلەش بىلەن تەرەققى قىلالمايدۇ. بىر ھۆكۈمەت بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنى ياخشى باشقۇرالمايدۇ. بىز خىتايدەك نوپۇسى كۆپ، ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادى زور بىر دۆلەتكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك".

تام خاركېن: خىتاي پۇقرالىرى نىمە يەۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز

تام خاركىن يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترولى ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تام خاركىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى قانچە ئوچۇق - ئاشكارا بولسا بۇ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى سودىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. تام خاركىن، خىتاي قانۇن سېستىمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى، خىتاينىڭ ئىمپورت يىمەكلىكلىرىدە مەسىلە بايقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "

يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، خىتاي يىمەكلىك، دورا ۋە تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تۈزەش كېرەك بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنى تېخى ئاڭقىرالمىدى. مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھۆججەتلىك ئەمەس، پۇقرالار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ".

خىتايدا ئۇچۇرنى قايسى ئورگانلار كونترول قىلىدۇ ؟

يىغىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ خىتاي ئىنتېرنېت پروگراممىسى مۇدىرى شاۋ چياڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، خىتايدا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى ئوخشىمىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " جەمئىي 14 ھۆكۈمەت ئورگىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بارىدۇ. نازارەت ئورگانلىرى نەشرىيات، تېلېۋىزىيە، يىمەكلىك، دورا، مائارىپ ۋە مەدىنىيەت تارماقلىرىدىن قۇرۇلغان. بۇ ئورگانلارنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى دۆلەت كابىنتىنىڭ ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇدىغان پەردە ئارقىسىدىكى مەخپىي ئورگان - تەشۋىقات بۆلۈمىدۇر.

دەن سوتېرلاند: رادىئو پروگراممىسىغا كاشىلا قىلىۋاتىدۇ

يىغىنىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ باش مۇھەررىرى دەن سوتېرلاند رادىئو پروگراممىلىرىنىڭ خىتايغا تارقىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رادىئو پروگراممىلىرىغا ئىزچىل تۈردە كاشلا پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئۆز ۋاقتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشىنى چەكلەش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى چەكلەش، كاشىلا پونكىتلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرگەن.

دەن سوتېرلاند مۇنداق دەيدۇ،" خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى فرانسىيىنىڭ تالېس شىركىتىدىن ئاز دېگەندە 16 دانە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سىگنال تارقاتقۇچى ئەسۋاپنى كاشىلا تۇغدۇرۇش مەقسىتىدە سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئەسۋاپلارنىڭ قىممىتى 1.5 مىليارد دوللار بولسىمۇ، لېكىن بۇ كەڭ - كۆلەملىك كاشىلا تۇغدۇرۇش تورىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە ئۇنىڭ مەشغۇلاتىغا كېرەكلىك بولغان چىقىمنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىدۇر".

ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن جازالانماقتا

يىغىندا مەركىزى نيۇ - يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " پايدىسىز،" دەپ قارالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلار دائىم دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش نامىدا جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "بۇ كىشىلەر كۆپ ھاللاردا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىپ قالىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ جىنايەت بىلەن جازالانغۇچىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسى كەچۈرمىشىنى يېزىپ چەتئەلدىكى تو بەتلىرىدە ياكى چېگرا سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىدا ئېلان قىلغانلار،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر بېرىدۇ

يىغىندا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جەي خېندېرسون، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ناھايىتى بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يىمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تەما قىلغان خەۋەرلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە مەسىلە پۈتۈنلەي خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا دۆڭگەپ قويۇلدى.

خىتاي تەرەپنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەرلىرى ھايۋانات يىمەكلىكلىرىدىن كېلىپ چىققان. چىش پاستىسى، ۋە باشقا مەھسۇلات ھەم ماتېرىياللاردىن مەسىلە پەيدا قىلىشتىكى مەقسەت خىتاينى ئالۋاستىلاشتۇرۇشتۇر. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسى بولسا دەسلەپتە مەسلىنى ئىنكار قىلىش، كېيىنچە قىسمەن قوبۇل قىلىش، ئاندىن بىر ئەمەلدارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئاخىرىدا مەسىلىنى يەنە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا دۆڭگەشتىن ئىبارەت " دەيدۇ .

بازار ئىگىلىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى ئەركىنلەشتۈرىۋاتامدۇ ؟

خىتاي بازار ئىگىلىكىگە كۆچكەندىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ناھايىتى بازارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردە، بازارلىشىش خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى ئۇيغاتماقتا، دېگۈچىلەر مەۋجۈت. لېكىن ئامېرىكا مىدلبۇرېي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسى پەنلەر ياردەمچى پروفېسسورى ئاشلېي ئېسارېي، ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بۇ قاراشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " مېنىڭ تەتقىقاتىمغا قارىغاندا مەتبۇئاتنىڭ بازارلىشىشى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ھىچقانچىلىك ئەركىنلىك ئېلىپ كېلەلمىگەن. ھەتتا زىيادە بازارلاشقان بەزى گېزىتلەر كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى پارتىيە گېزىتلىرىدىنمۇ كۆپ باسماقتا." كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبە مەكتىپىدىكى شاۋ چياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ سىياسى تەسىرىنى تىزگېنلەش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىدە زور مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ، ئىنتېرنېتتىكى پىكىرلەرنىڭ پۇقرالار ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تۈردە توساپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا ئامېرىكا دىموكراتىيىسىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ خىتايدا بۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئامېرىكىدىكى خىتايلار مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئەركىن كۆرەلەيدۇ. لېكىن خىتايدىكى پۇقرالار ئامېرىكىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئەركىن ئاڭلىيالامدۇ ؟ دەپ سورىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.